0:00 / 0:00
قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن بۇ تېما، نۆۋەتتە كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تەن - ساغلاملىقىنى ياخشىلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە نىسبەتەن كۆز قارىشىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى.
قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئامېرىكا كولۇمبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىئىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.