قانداق قىلغاندا قۇش زۇكىمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟


2005.06.10

6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان چۆچەك شەھىرىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى غاز فېرمىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان غازلارنىڭ سانى 1500 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆلگەن غازنىڭ سانى 406 يەتكەن. بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرىگەن دائىرىلەر، مەزكۇر فېرمىدىكى 13000 دانە غازنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئۇنداقتا قۇش زۇكىمىنى پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇس زادى قانداق تارقىلىدۇ؟ كېسەل بولغان قۇشلاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىز نيو-يوركتىكى كولۇمبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىئىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.