خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆپكە راكى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە
2004.10.20
خىتايدىكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار ئىزچىل ھالدا كۆپەيمەكتە
خىتاي دۇنيابويىچە تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىر دۇنيادىكى بىر مىليارد تاماكا چېكىدىغانلار ئارىسىدا، 300 مىليوندىن ئارتۇقى خىتايدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 5 مىليونغا يېقىنى ياش ئۆسمۈرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن.
ئامېرىكا سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى ئۆپكە راك مۇتەخەسسىسى پاڭ يۈ بىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە : ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتى تاماكا چەكمىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندايېگىرمە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
خىتاي ئۆسمە كىسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى، خىتاي ئارمىيە ئۆسمە كىسەللىكلەر مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى جىن شۇ كۈينىڭ مەلۇم قىلىشىچە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،خىتايدىكى ئۆپكە راكى 10 يىلدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرۇلغاندابىرھەسسە ئاشقان بولۇپ، بولۇپمۇ جاڭسۇ ، شاڭخەي قاتارلىق ئىقتىساد ۋە سانائەت تەرەققى قىلغان رايونلاردا ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى پۈتۈن راڭ كىسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نىسپەتنى ئىگەللەيدىكەن.
خىتاي مەملىكەتلىك كىسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2000 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 5 يىل ئارىلىقتا، 120 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ، بۇ خىل كىسەللەرنىڭ ئۆمۇمى سان 500 مىڭغا يەتكەن. ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە 330 مىڭى ئەرلەر بولۇپ،170 مىڭى ئاياللارئىكەن.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى تاماكاچېكىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە:2025 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ،خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆپكە راكى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىشىدىكى سەۋەپلەر
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ تاماكا چېكىدىغان ياش- ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىكەن. بۇ ھەقتە نىۋيورۇكتا تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دىدى:
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە
- ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە
- ئۇيغۇر يېزا ئېگىلىك يەر مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇلغانماقتا
- ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى خەلقئارا يۈرەك كېسەللىكى تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشتى
- سېمونت زاۋۇدى روزىمەت يۈزىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىدى