ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە


2004.10.26

ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ يىلدىن- يىلغا تېز ئىشىپ بېرىشى، بولۇپمۇ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ 80٪ ئىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى بولىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ سانى يىلدا كۆرىنەرلىك ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىلا بۇ خىل كىسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى بۇ يىل 2000 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. يەنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدىلا 600 دىن ئارتۇق بىمار بالىياتقۇ ئېغىزى راكى سەۋىۋى بىلەن داۋالانغان.

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى بالىياتقۇ بوينى راكىغا كۆپ گىرىپتار بولىدۇ؟ بۇ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز مۇخبىمىز ئارزۇنىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.