سايرام كۆلىگە ئاققۇلار يەنە ئۇچۇپ كېلەرمۇ؟


2004.11.10

خاسىيەتلىك گۈزەل سايرام كۆلى

ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقسىڭىز كەڭسايغا كەلگەندە، خۇددى ساماغا تۇتۇشۇپ تۇرغاندەك يېيىلىپ تۇرغان سايرام كۆلىگە چىقىسىز. سايرام كۆلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆللەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېپىق كۆلگە كىرىدۇ.

بۇ گۈزەل كۆل ئەتراپى كەڭ كەتكەن يايلاق بولۇپ ئەتىياز ياز پەسىللىرى نەچچە يۈز خىل ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. سايرام كۆلىنى ئوراپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردا، بۇغا، يولۋاس، ئىلبىس، بۆرە، تۈلكە، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار يەنە باشقا ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سانسىز كالا، قوي پادىلىرى جۈملىدىن داڭلىق ئىلى ئاتلىرى سايرام يايلىقىدا يايلايدۇ.

ئەتراپتىكى چارۋىچى خەلق ۋە ئىلى رايونىدىكى خەلق سايرام كۆلى ھەم ئۇ جايلاشقان كەڭساي يايلۇسىدا ياز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى بۇ خاسىيەتلىك كۆلنى مەدھىلەپ " سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ، يا ئاقمايدۇ تاشمايدۇ" دېگەندەك مىسرالىرى بىلەن ئىلى خەلق ناخشىلىرىغا قاتقان.

سايرامنى تاشيول قورشىدى

30 - يىللاردا ئىلىغا بارىغان ئاساسلىق يول كەڭساينى بويلاپ ياسالغان بولغاچقا، سايرام كۆلى ئىلى يولى ئۈستىدىكى بىر ئۆتكەل ئىدى. بۇ يول سايرام كۆلىنىڭ بىر كىچىك قىرغىقىغا يېقىن جايدىن ئۆتەتتى. 2003 - يىلىدىن باشلاپ كۆلنى بويلاپ يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىشقا باشلىغان.

شىنخۇئا تور بېتىنىڭ يېقىنقى خەۋېرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق قاتناش نازارىتى، سايرام كۆلىنى بويلاپ ياساۋاتقان بۇ يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كېلەر يىلى يازغىچە پۈتتۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 79 كېلومېتىر كېلىدىكەن.

سايرام كۆلى ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ، يەنە ھەر خىل سۇ قۇشلىرىنى تەبىئىي قوغدايدىغان بىر رايون بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئارالچە بۇ قۇشلارنىڭ كۆپىيىدىغان ماكانىدۇر.

سايرامدىن ئاققۇلارمۇ ئۇچۇپ كەتتى

ئىگىلىشىمىزچە ھازىر سايرام كۆلىنىڭ شۇنداقلا كۆل ئەتراپىدىكى يايلاق ھەم ئورمانلارنىڭ مۇھىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەمدە يول ياساش قۇرۇلىشىنىڭ تەسىرىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، كەڭسايدا ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر كىشى سايرامنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بۇزۇلۇشلىرىغا ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

ئىلگىرى كۆپكۆك سايرام كۆلى ئۈستىدە ئاق پەرشتىلەردەك ئاققۇلارنىڭ يېنىك يېنىك قونۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. شىنخۇئا ئاخباراتىنىڭ خەۋېرىدە سايرام كۆلى بويىدا ئولتۇراقلاشقان بىر قىزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، نۆۋەتتە سايرامنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىشى، ھەممىدىن مۇھىمى كۆلنى بويلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن تاشيول ياسىغۇچىلار، توپا توزاڭلار چىقىرىپ، تاشيولغا بىر تەرەپتىن سېمونت قارىمايلارنى تۆكۈپ ياتقۇزىۋاتقان بولۇپ، سايرامنى ماكان قىلغان ئاققۇلارمۇ ئۇچۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

سايرام كۆلى بويىدا چوڭ بولغان بۇ چارۋىچىنىڭ قىزى شىنخۇئا ئاخباراتى مۇخبىرىغا مەيۈسلەنگەن ھالدا، بۇ يولنى كېلەر يازغىچە ياسىلىپ بولىدۇ دەيدۇ، بىزمۇ ئۇ چاققىچە كىگىز ئۆيلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ كېتىدىكەنمىز، ئەمدى بۇندىن كېيىن سايرامغا يەنە ئاققۇلار ئۇچۇپ كېلەرمۇ؟ دىگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.