خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كۆل ۋە ئۆستەڭ سۇلىرى بۇلغانماقتا


2004.10.27

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىدا مۇھىتنى ئاسراش ھەققىدە ئېچىلغان بۇ مەتبۇئات يىغىنىدا، بېيجىڭدىن كەلگەن بىر مۇتەخەسسىس ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان سۇ كرىزىس مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا: “ خىتايدىكى سۇ مەنبەسى دۇنيا سۇ مەنبەسىنىڭ 6٪ نى ئىگىلەيدۇ، خىتاي بۇ سۇ مەنبەسى بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 22٪ نى تەمىللەيدۇ” دەپ، خىتايدا سۇ كرىزىس مەسىلىسى مەۋجۇت، ئۇ ئاساسەن سۇ مەنبەسىنىڭ يېتىشمەسلىگى، سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى ۋە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان سۇ ئاپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ” دەپ كۆرسەتتى. خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر مۇتەھەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى كۆل ۋە دەريالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.

خىتايدا دەريا ۋە ئۆستەڭ ۋە يەر ئاستى سۈيى ئېغىر بۇلغانغان

خىتاي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خىتايدا دەريا ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ 63٪ تى پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ بولغان. شەھەرلەردە يەر ئاستى سۇيىنىڭ ٪ 90 ئى بۇلغانغان. دېمەك، خىتايدىكى سۇنىڭ بۇلغۇنىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد ۋە سانائەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇنىڭ ٪ 80 ئى تېخنىكىلىق بىرتەرەپ قىلىنمايلا، شۇ پېتىچە چىقىرىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق كۆل ۋە دەريالارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان.

ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ باشلىقى لو جىئا خۈي: "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن مۇھىت مەسىلىسىگە يەنىلا سەل قاراپ، ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆل ئۆستەڭلەرنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى

ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆل ئۆستەڭلەرنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر ھالەتتە قالغان. يېقىندا خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە : ئۈرۈمچىدىكى ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى كۈنسېرى ئازلاپ، ھەتتا سۇ ئامبىرىدىكى سۇ مىقدارى جىددى ھالەتتە قالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ھەمدە ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆكسۈپ سۇ ئېقىپ تۇرىۋاتقان ئۆستەڭلەرنىڭمۇ پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ، ئىنتايىن ۋەيران ھالەتتە قالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. مەسىلەن خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ خەۋەردە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ھىساپلانغان 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئۆستەڭنىڭلەرنىڭمۇ نەقەدەر بۇلغانغانلىقى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

"ئۇزۇنلىقى 10 كىلو مېتىر كېلىدىغان بۇ ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپى ئىمارەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ،ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئورۇنلىرى گەرچە 'بىنالار ئۆستەڭدىن ئاز دېگەندە بەش مېتىر يىراققا سېلىنىشى كېرەك' دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۆستەڭ بويىغا يەنىلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قالايمىقان ھالدا نۇرغۇن بىنا ۋە ئۆيلەر سېلىنغان. ھەتتا، ئۆستەڭنىڭ بەزى ئۈستى ئوچۇق قىسىملىرىدا، ئۆستەڭ ئۈستىگە سېلىنغان ھاجەتخانىلار پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخى" تەبىئىي سۇ بىلەن تازىلىنىپ تۇرىدىغان ھاجەتخانا” دەپ نام قويۇلغان. ئۈستى يېپىق قىسىملىرنىڭ بىر بۆلىكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ؛ ئۇنىڭدىن بۇلغانغان سۇ خالىغانچە ئېقىپ چىققان. ئېتىزلارنى سۇغىرىدىغان ئېرىقلارمۇ پاسكىنا سۇ چىقىرىش لىنىيىسىگە ئايلانغان. ئۆستەڭنىڭ ئۈستى ئوچۇق قىسىملىرىدا ئەخلەتلەر دۆۋلىنىپ سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈستى يېپىق قىسىملىرىدا بولسا ،ئەخلەتلەر قاپلىشىپ، ئېقىننى توسىۋالغان. بۇنداق ئۆستەڭلەردە بۇلغانغان سۇ شەھەر ئىچىدىكى يوللارغا ۋە ئاھالىلار رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن."

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۆستەڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بىر خىتاي پۇقراسى "بۇ جايلاردىكى ئاھالىلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي مىللىتىدىن تەركىپ تاپقان ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئېقىپ كەلگەنلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئادىتى ۋە تۇيغۇسىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولىشى، مەزكۇر جاينىڭ ئەخلەت رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان " دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.