3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئامېرىكىدىكى مەيئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات بويىچە پروفېسسورى، دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى ۋاشىنگتوندىكى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كرىزىسى ھەققىدە بەرگەن مەخسۇس دوكلاتىدا "ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ھەرىكىتى داۋامىدا ھەر خىل قۇرۇلۇشلار كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر جايدا سۇ مەنبەئەسى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن سۇ كرىزىس ئوتتۇرىغا چىقتى" دەپ كۆرسەتكەن.
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى سۆزىدە يەنە "غەربنى ئېچىش ھەرىكىتى ئىنتايىن چوڭ بىر قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ جايدا نېفىت قۇدۇقلىرىنى توختىماي قازدى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سۇ لازىم بولىدۇ." دەپ بىلدۈردى.
" خىتايلار 'شىنجاڭ' دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن سۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن" - دەپ تەكىتلىگەن دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى، "تاغ ۋە چۆل جەزىرە ئارىلىقىدا ماكانلاشقان بۇ يەرلىك خەلق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددى قاراشقا مەجبۇر بولدى" دەپ كۆرسەتتى.
نوپۇس ۋە مەھسۇلات كۆرسەتمىسى بىر - بىرىگە ماس كەلمىگەن.
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كرىزىسى ھەققىدە بەرگەن بۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە كۇچا قاتارلىق بوستانلىقلاردا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئادەم ياشاپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر جايلارغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئادەم سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر رايوندىكى قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ نوپۇس ۋە مەھسۇلات كۆرسەتمىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
قەشقەر شەھىرىنىڭ نوپۇسى 350 مىڭ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر سانى 3.5 مىليون ئەتراپىدا. بۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن قەشقەردە ھەر يىلى ياغىدىغان يامغۇر مىقدارى ناھايىتى ئاز. 2002 - يىلىدا يامغۇر مىقدارى ئاران 78 مىللىمېتر بولغان ئىدى. ئۈرۈمچىگە كەلسەك، بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 2 مىليون ئەتراپىدا. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن نېفىت - خىمىيە، تۆمۈر ۋە پولات قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ يامغۇر مىقدارى ھەر يىلى150 مىللىمېتر بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدا بىر قاتار سۇ ئامبارلىرى بار."
كارىزنىڭ ئورنى تولىمۇ مۇھىم
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ۋە مەھسۇلات كۆرسەتمىسى ھەققىدە توختالغاندا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئېلىشتىن باشقا يەنە تۇرپاننىمۇ ئالاھىدە مىسالغا ئالغان.
ئۇ سۆزىدە " تۇرپاننىڭ نوپۇسى 250 مىڭ ئەتراپىدا. ئۇنىڭ ئاساسى مەھسۇلاتى ئۈزۈمچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇرپاندا گەرچە دەريا - ئېقىنلار بولمىسىمۇ، تۇرپان خەلقى ئەزەلدىن سۇ مەسىلىسىدە تايىنىپ كېلىۋاتقان كارىز بار. كارىز تاغ سۈيىنى مەنبەئە قىلغان يەر ئاستى سۈيىدىن پەيدا بولىدىغان سۇ بولۇپ، بۇ ئويمانلىقتا ئاسان پارغا ئايلانمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كارىز تۇرپانغا ئوخشاش بۇنداق ھۆل - يېغىن ئىنتايىن ئاز بولىدىغان جايغا نىسبەتەن تولىمۇ قولاي ۋە زۆرۈر ئىدى" دەپ بىلدۈردى.
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىمىز دەپ، تۇرپاندا مىڭلىغان پومپا قۇدۇقى قېزىپ، كارىزنى ۋەيران قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسۇلى مەڭگۈلۈك چارە ئەمەس
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كرىزىسى ھەققىدە بەرگەن بۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنى قۇرۇپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشىنى تەنقىد قىلىپ، " باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنى تارىم دەرياسىغا قۇيۇش يەنە قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشالايدۇ؟ باغراشنىڭ سۈيى ئىلگىرى تاتلىق ئىدى. ھازىر بارغانسىرى شورلىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇ ئۇسۇل مەڭگۈلۈك چارە ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ زاپىسى ناھايىتى چەكلىك
دوكتور ستەنلى تۇپس ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەپ، مەزكۇر رايوننىڭ سۇ مەنبەسىدىن خالىغانچە پايدىلانماقتا. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ زاپىسى ناھايىتى چەكلىك، بۇ جاينىڭ سۇ زاپىسى ھەرگىزمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان نوپۇسقا قاراپ كۆپەيمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)