تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟(1)


2006.02.01
CHINA-XINJIANG-COTTON-15.jpg
1998-يىلى 11-نويابىر كۈنى بىر ئايال پاختىزارلىقتا پاختا تەرمەكتە. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كۆپلەپ بوز يەر ئېچىشى ۋە سۇنى ئالدى بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى قۇرۇپ كېتىش خەۋىپىگە ئېلىپ كەلمەكتە. AFP

يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تارىم ۋادىسىدا قالايمىقان بوز يەر ئېچىش ئەۋجى ئالغانلىقتىن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ھەمدە دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. تارىم ۋادىسىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت، ئاچچىق ساۋاقلاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئېچىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. شۇنداقلا خەۋەرلەردە تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى تۈزەيمىز دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىدا كەڭ دائىرىدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قايتا ئاگاھلاندۇرۇش

تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قېنىدا مانا شۇنداق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر قانداق بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قايتا ئېلان قىلدى شۇنداقلا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

"تارىم دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇش بەلگىلىمىسىدە تارىم دەرياسىنى سۇغۇرۇش مەنبەسى قىلغان كەڭ دائىرىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى ئېتىزلاردا، شالغا ئوخشاش كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىماسلىق، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق تېجەلگەن سۇ مەنبەسىنىڭ بوز يەر ئېچىشقا ئىشلىتىشكە قەتئىي يول قويماسلىق تەكىتلەنگەن.

مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر

گەرچە نۆۋەتتە بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئېچىشقا يول قويماسلىق قانۇنلىرىغا ئاساسەن، تۇپراق سۇ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، باج ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ھۆكۈمەت ھەمدە قانۇن ئورگانلىرى بىرلىشىپ تارىم دەرياسى ۋادىسىدا بوز يەر ئاچىدىغان، ئېكولوگىيىنى بۇزىدىغان قىلمىشلارغا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئانا دەريا ئاتالغان تارىم دەرياسى ئەزەلدىن سۈيى ئەلۋەك مۇھىتى گۈزەل، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ئېتىگىدىكى ئېتىزلىرىنى كۆللىرىنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم سۇ بايلىق مەنبەسى. تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارمۇ ئانا دەريانى بويلاپ جايلاشقان بولغاچقا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇ سۇيى ئەلۋەك، مۇھىتى گۈزەل تارىم بويىغا ماكانلاشقان. ھەمدە بۇ ماكاننى دېھقانچىلىق باغۋەنچىلىكى بىلەن تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇپ، بوئاستانلاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇلغىنىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

تارىم دەرياسى سۇ مەنبەسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دەريانىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلار كىملەر؟ ئەسىرلەر بويى مۇشۇ دىياردا ماكانلاشقان خەلقمۇ ؟

بۇلارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن تارىم دەرياسى بويىدىكى يېزىلارغا تېلېفون قىلدۇق. تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمى ماكانلاردىن بولغان ئاقسۇ شايار ناھىيىسىنىڭ كەنتىدىن بىر دېھقان، تارىم دەرياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆكۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ، تارىم دەرياسىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى سۇنىڭ كۆپ ئازلاپ كەتكەنلىكى، دەريادىكى بىلىقلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، دېھقانچىلىقتىمۇ سۇ كەمچىل ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتتى.

نىمە ئۈچۈن ئەسىرلەر بويىدولقۇنلاپ كەلگەن تارىم دەرياسى بۈگۈنكى كۈندە ئازلاپ كېتىدۇ ؟ گۈزەل تارىم ۋادىسى ئېكولوگىيىسى نىمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردا تېز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟

بۇ مەسىلىلەرگە يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەمەس بەلكى 50 يىلدىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنلىرىنى يەنى سۇ مول مۇنبەت يەرلىرىنى ئىگىلەپ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ، كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىپ نوپۇسى ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

چۈنكى كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىۋاتقانلارمۇ دېۋىزىيىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى، چۈنكى دەريا ئېقىنلىرىنى توسۇپ سۇ ئامبارلىرىنى قۇرىۋاتقانلارمۇ، سۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان زىرائەت، كۆكتاتلارنى تېرىۋاتقانلارمۇ شۇلار.

بىز تارىم دەرياسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرقى ئېقىنىنى بويلاپ جايلاشقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى -1 دىۋىزىيە -6 پولكىنىڭ سۇ باشقۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلىپ سورىدۇق. بۇ پولكىنىڭ سۇ باشقۇرغۇچىسىنىڭ جاۋابلىرىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.