تۆمۈر چوققا ئەخلەت چوققىلىرىغا ئايلانماقتا
2005.03.24
تەڭرى تاغلىرى گۈزەللىكى، تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ موللىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى ئاقسۇنىڭ شىمالىدىكى تۆمۈر چوققىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ بۇ چوققىنى بۈيۈك، يۈكسەك دەپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن. تۆمۈر چوققىنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 7435 مېتىردىنمۇ ئاشىدۇ.
تۆمۈر چوققا قىشمۇ- ياز قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك مۇز چوققا. ئۇ يەنە تەڭرى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىنى ھاياتلىق مەنبەسى - سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان قاتتىق جىسىملىق سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
تۆمۈر چوققىلىرى، تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرىغا ئېچىۋېتىلگەندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەرگىمۇ قارا - قويۇق ئېچىۋىتىلىشى بىلەن ئەخلەت دۆۋىلىرىگە ئايلىنىپ، مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە چارشەنبە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتى ھەمدە تۆمۈر چوققا تەبىئىي قوغداش رايونىنىڭ خادىملىرى يېقىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، تاغ باغرىدا ھەتتا مۇزلۇق چوققىلاردىمۇ كىشىلەر قالايمىقان تاشلىغان، كېرەكسىز پىلاستىك خالتا، قەغەز، قۇرۇق بوتۇلكىغا ئوخشاش تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ يول بويى چېچىلىپ ياتقانلىقىنى بايقىغان.
ساياھەتچىلىكنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولماقتا
تەڭرى تاغلىرىنىڭ مۇز چوققىلىرىدا بولۇپمۇ قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە رايونلىرىدىمۇ ئەخلەتلەرنىڭ بايقىلىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدا بوغدا چوققىلىرىدىمۇ ئالتە توننا ئەتراپىدا ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ بايقالغانلىق خەۋىرى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۇنداقلا مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرى ھەم بىر قىسىم مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلگۈچى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىۋاتقان ساياھەتچىلىككە دائىر سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىغا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)
تۆمۈر چوققىسىنىڭ ئاستىنقى ئېتەكلىرى قىممەتلىك ياۋايى ئۆسۈملۈك ھەمدە ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ماكانى. بۇ جايغا كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ ئاياغ بېسىشى، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى "تۆمۈر چوققا تېخى ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىلماي تۇرۇپ بۇنچىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، كېيىن ساياھەتچىلىككە ئېچىلغاندىن كېيىن يەنە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارغا يول ئېچىلىشىنى قىياس قىلماق تەس، شۇڭا ئۇنىڭ يەنىلا ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ قەدىمىنى تېگىشلىك تەدبىرلەر بىلەن چەكلەش كېرەك" دەپ جىددى تەكىتلىگەن.
تۆمۈر چوققا تەبىئىي قوغداش رايونىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، تۆمۈر چوققىغا يامىشىش يولىدا تاققا چىققۇچىلارنىڭ تاشلىغان بوتۇلكا، پىلاستىك خالتا قاتارلىق ئەخلەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. تاغ دېڭىز يۈزىدىن خېلى ئىگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخلەتلەرمۇ چېچىلاڭغۇ بولغاچقا، بۇ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا خېلى كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
تەبىئەتنىڭ قەبىھ دۈشمىنى كىملەر؟
ئىلگىرى خەۋەرلەردە بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلەر قەدىمى باسقان جايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچرىماقتا.
داڭلىق مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بۇغدا كۆلى، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى رايونلىرى ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچرىدى، بۇغدا كۆلى ھەمدە بۇغدا چوققلىرى ئەخلەت دۆۋىلىرىگە تولدى، گۈزەل يايلاقلاردىن كۆنەس، بارىكۆل، نارات يايلاقلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ھالدا تېز ۋەيران قىلىندى. ئەجىبا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدىمۇ ؟ئۇلار بۇ داۋام قىلىۋاتقان بۇلغىنىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلانمىدىمۇ ؟ بۇنى توختۇتۇشقا تەدبىر ئالغىلى بولمامدۇ ؟ بۇ سوئاللار ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي مۇھىتتىن ئەندىشە تۇيغان ھەر بىر ئادەم جاۋابسىز قېلىۋاتقان سوئاللاردۇر.
چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاچقىلى بولىدىغانلا جايلارنى ساياھەتچىلىككە ئېچىۋىتىشنى جىددى تەشەببۇس قىلغىنى بىلەن، تەبىئىي مۇھىتنى ساقلاش ھەققىدە بىرەر ئەمەلىي تەدبىر كۆرمىدى.
ئىلگىرى رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ياش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلەرگە كەڭ دائىرىدە ئېچىۋېتىلىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە تۇيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ "تەبىئەتنىڭ ئەڭ قەبىھ دۈشمىنى كىم بىلەمسىز ؟ ئۇلار چىرايلىق گۈل -گىياھلارنى كۆرسە يىلتىزىدىن تارتىپ ئۈزىۋالمىغىچە، كۆركەم دەرەخلەرگە ئىسمىنى ئويۇپ قويمىغىچە، ياۋايى ھايۋان، ئۇچار قۇشلارنى كۆرسە تۇتىۋالمىغىچە، دەريا كۆللەرنىڭ سۈيىنى بۇلمىغىمىغىچە پۇخادىن چىقمايدىغان ئاچ كۆز ساياھەتچىلەر" دېگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقىقەتەن ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى نېمە بولماقتا ؟ بۇ ھەممىنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە. نۆۋەتتە ھەتتا تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىلىرىنىڭمۇ ساياھەتچىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەر سەۋەبىدىن بۇلغىنىشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشىغا ساياھەتچىلەرنىڭ قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىمۇ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن بۇلغاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە مۇھىت بۇلغانماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت كرىزىس مەسىلىسى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانئاتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبچى؟
- سايرام كۆلىگە ئاققۇلار يەنە ئۇچۇپ كېلەرمۇ؟
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كۆل ۋە ئۆستەڭ سۇلىرى بۇلغانماقتا