ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە
2004.10.04
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ھازىر تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەر بىر مىنۇتتا بىرھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېزدىن ھەركەتكە كېلىپ، بۇ ھەقتە جىددى چارە - تەدبىر قوللىنىشىقا چاقىردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۈر دوكلاتتا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى تەنقىت قىلىپ،ئۇلارنىڭ تابۈگۈنگە قەدەر تېخى بۇ مەسىلىنى توغرا تونۇپ يەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرىشىچە: ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 62 دۆلەت ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ھىچقانداق ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات يەتكۈزمىگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن سانلىق مەلۇماتى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا بىلدۈرىلىشىچە:ھازىر دۇنيادا ھەريىلى تۇغۇتتا ئۆلىۋاتقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئافرىقىدا، ھەر100 مىڭ بالا تۇغۇلغاندا 830 نەپەر ئانا ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولسا، ھەر 100 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغاندا ئۆلىۋاتقان ئانىلارنىڭ سانى 330 دىن ئارتۇق بولۇپ،بۇ سان تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە پەقەت يىگىرمە ئەتىراپىدا بولغان.
خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەھۋالى
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرىلىشىچە:خىتاينىڭ نامرات يېزىلىرىدا،شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىيدىكى يېزىلاردا ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.بىز بۇھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىغا تېلىفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم گەرچە جەنۇبىي رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولغان بولسىمۇ،لېكىن "ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن" دەپ تەكىتلەپ،"بىزنىڭ بۇ جايدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ،تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال پەقەت مىڭنىڭ بىرى ياكى ئون مىڭنىڭ بىرى دىسەكمۇ بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدە ئىشلەيدىغان بۇ خادىم ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ھامىلدار ئاياللار ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا ئىنىق جاۋاپ بېرىشتىن، يەنى ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،"بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دىيىش تەس، ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش مەسىلىسى پەقەت تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىلا ئەمەس،بەلكى تەرەققى قىلغان ۋە داۋالاش تېخنىكىسى ئۈستۈن بولغان باي دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۈت " دىدى.
ئۇرۇمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇر خانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان بىر دوختۇر مەزكۈر دوختۇرخانىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىچقانداق تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى لېكىن بەزى شەخسى دوختۇرخانىلاردا بۇ خىل ئەھۋالنى يوق دىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دوختۇر يەنە: "ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى نامرات يېزىلاردا،ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ،يەنىلا ئېتىزلىقتا ئېغىر ئەمگەك قىلغانلىقتىن، ئۆزىنى ياخشى كۈتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقىمۇ مادارى يەتمەيدۇ،ئۇلار پەقەت قوسىقى ئاغرىغاندىلا ئاندىن دوختۇرغا بارىدۇ. بەزىلەر ھەتتا بالىنىڭ قوساقتا ئۆلۈپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي يۈرىۋېرىدۇ." دەپ تەكىتلەپ كېلىپ جەنۇبىي رايونلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپ چاغلاردا تۇغۇتىنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئاياللار كىسىلىگە گىرىپتاربولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرىشى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە: ئەگەر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرتېزدىن ھەركەتكە كەلمەيىكەن ۋە ئۈنۈملۈك چارە- تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.