0:00 / 0:00
خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، 12 - مارت كۈنى خىتاي گۇاڭشى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە، گۇاڭشى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 8 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ھىۋ ۋاكسىنىنى ئۆز بەدىنىگە ئۇرغۇزۇپ سىناق قىلدۇرغان ھەمدە سىناقدىن كېيىن، ۋاكسىن قويدۇرغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق رېئاكسىيە بېرىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، يەنە 41 نەپەر 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا، ھىۋ ۋاكسىن سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن
بۇخىل ھىۋ ۋاكسىنى قويۇشنىڭ خىتايدا قانچىلىك ئەھمىيىتى بار؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەيدىز كىسىلىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتۇر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغا دىققەت قىلىڭ.