ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنى ئاياقلاشتى

0:00 / 0:00

ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادىكى 40 مىليون ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 20٪ ئى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىكەن. يەنى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 8 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن.

ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت : خىتاي بىلەن ھىندىستان

ھازىر دۇنيادا ھەر 4 ئەيدىز بىمارى ئارىسىدا بىر ئاسىيالىق بولۇپ، ھەركۈنى 1500 ئادەم ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلىدىكەن. خىتاي ۋە ھىندىستاندا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، مەزكۇر دۆلەتلەرگە كېلىپ، كېتىدىغان ئادەملەر سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان. نوپۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغان بىر قىسىم چارە- تەدبىرلەرنى بىلگەن ھالەتتىمۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى بۇخىل چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن.

ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ھىندىستاندىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى 5 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيادا جەنۇبىي ئافرىقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خىتايدا بولسا ھازىر ئەيدىز كېسىلى ھەممىلا ئۆلكىلەرگە تارقالغان ھەمدە خىتاي دۇنيا بويىچە ئەيدىز كېسىلى تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2010 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى ھازىرقى 840 مىڭدىن 10 مىليونغا يېتىدىكەن.

ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا، دۇنيا بويىچە 20 دۆلەت ئاساس قىلىندى

ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز بۆلۈمى باشلىقى ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاساسى كۈچنى خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەتكە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنالمايۋاتقان بىمارلارنىڭ 85٪ ئى دەل مۇشۇ 20 دۆلەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە، ئەيدىز بىمارلىرى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان دورىلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ خىل دورىلار بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا كېسەلنى كونترول قىلىپ، ئوبدان ئۈنۈم بېرىدىكەن. لېكىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بىمارلىرى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان دورىلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ھىندىستان ۋەكىلى ئابراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن ئاسىيا بويىچە، داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغان ئەيدىز بىمارلىرى ئاران 6٪ نى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا دۇنيا ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور كۈچ چىقارماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋەرلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا 2008 - يىلىغا قەدەر، ئافرىقىدىكى 2 مىليون ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالىنىش دورا ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇش يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا ئەيدىز ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى راندال ئەپەندى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى پىتېر ئەپەندى بىرلىكتە، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002 - يىلىدىن باشلاپ، خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئامېرىكا خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن 15 نى قۇرۇپ بەرگەن.

ئەيدىز بىمارلىرى ئەيدىزگە بېرىلگەن ياردەم پۇلىدىن تولۇق بەھرىمان بولالمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 611 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى توختىماي "ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز" دەپ ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن دەپ ئاجراتقان مەبلىغى ئوخشاش بولمىغان ھەم يېتەرلىك بولمىغان. بۇنى ئاز دەپ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ چىرىكلىك تۈپەيلىدىن، ئەيدىز بىمارلىرىغا ئاجرىتىلغان پۇلنى خىيانەت قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن، ھازىر گېرمانىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر دوختۇر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بىر ئايلىق داۋالىنىش ھەققى 7000 يۈئەن بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ بۇ پۇلنى ئېشىنالماي ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. (مېھرىبان)