ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانئاتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبچى؟


2004.12.02

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە قىممەتلىك ياۋايى ھايۋان ھەم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەۋجۇت ھالەتلىرى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر ھەم دوكلاتلاردىن ئۇيغۇر زېمىنىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ، يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى ھەم بۇ ھالەتنىڭ بارغانچە ئېغىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك بۇلغۇنىشىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغرا سىياسىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ھايۋاناتلارنىڭ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولىشىغا نىمىلەر سەۋەپچى؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇھەممەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.