دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(1)

0:00 / 0:00

ھەممىمىزگە ئايانكى ئادەم زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغاندا ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنى چەككۈچىلەردە قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئەيدىز مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.