دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(2)

0:00 / 0:00

ھەممىمىزگە ئايانكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىستىمال قىلىنىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسەن خېروئىن بولۇپ ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇنىڭغا بېرىلىپ، ئائىلىلىرىگە ۋە جەمىيەتكە زور ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتە .

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا زادى نېمىلەر سەۋەپ بولىۋاتىدۇ؟ زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغانلار ئۇنى چېكىشنى توختىتالامدۇ؟ ئاتا - ئانىلار قانداق قىلغاندا ئۆز پەرزەنتلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن توسۇپ قالالايدۇ؟

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە، مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئەيدىز مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.