ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار
2006.06.26
ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كۈنى بولۇپ، بۇ يىل بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، خىتاي دۆلەت زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش كومىتېتى خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ سېتىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر تىزىمدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى 1 مىليون 160 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى 15 % تىن 20 % كىچە بولغان. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاساسىي زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خېروئىن ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتايدىكى گاۋ شىچى، سۇڭ چىنلىن ۋە لىن زېشۈ ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك مەھسۇلاتلىرى خېروئىندىن باشقا يەنە "چاكاندا " ۋە "باش چايقاش كومۇلىسى " قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، قاۋاقخانا ۋە كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا، ھەر خىل يېڭى تۈردىكى زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرى يوشۇرۇن سېتىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ غەربى رايونلاردىكى ئەمگەكچىلەر قاتلىمىدا، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئۇيغۇر ياشلار كۆپەيمەكتە
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرى 70% نى ئىگىلىگەن. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشچىلار زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش 1 - مەركىزىدىكى بىر مەسئۇل دوختۇر مۇنداق دېدى:
"بىزنىڭ بۇ يەردە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ئاساسەن دېگىدەك ھەممىسى ياشلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئۇيغۇرلار ئومۇمىي چەككۈچىلەر ساننىڭ 60 – 70 % تىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 27 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ياشلار. ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى ئۈرۈمچىلىك ياشلار. مەن بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش مەركىزىدە ئىشلىگىنىمگە خېلى يىللار بولدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار. "
ئۇيغۇر ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىشىدىكى سەۋەبلەر
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دوختۇر زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق بۇلۇشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختالدى:
"يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى ئىزچىل ھالدا ئۆرلىمەكتە. بۇنى بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ داۋالىنىۋاتقان يېڭى بىمارلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىنلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يېڭى بىمارلارنىڭمۇ كۆپ ساندىكىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار، بۇنداق بولۇشى، مەنچە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئائىلە تەربىيىسىگە باغلىق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جەمئىيەتكىمۇ باغلىق. چۈنكى زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى خىزمىتى يوق، ئىشسىز يۈرگەنلەر. ئۇلار تۇرمۇش يولىدا دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان".
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ئېغىرلىغان بولۇپ، ھەتتا مەكتەپلەردىكى ياش - ئۆسمۈر بالىلارمۇ بۇ خىل بولمىغۇر ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ئاز ئەمەس
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش مەركىزىدىكى دوختۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مەركەزگە كېلىپ داۋالىنىۋاتقانلار ئارىسىدا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن:
"كەلگەنلەر ئارىسىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار. مەسىلەن، يېقىندا تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ داۋالانغان ئىدى. دېمەك زەھەرلىك چېكىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان سەۋىيىلىك ياشلار ئارىسىدىمۇ تارقالغان. مەن داۋالانغىلى كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ياشتىن قانداق قىلىپ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا ساۋاقداشلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئوينىغىنىدا، ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، دوستلىرىنىڭ زورلىشىغا يۈز كىلەلمەي چېكىپ سالغان. كېيىن بارا -بارا ئۆزىنى تارتالمىغىدەك ھالەتكە يەتكەن."
زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلغان، نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىساد ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۇنىنىڭ ئاساسى قانچىلىك ؟
- قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ئاپەتكە ئايلانماقتا
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى
- بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
- ئاق ئالۋاستى قوينىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نىداسى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش مۇمكىنمۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش ئورۇنلىرىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر
- ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش ھەققى زىيادە يۇقىرى بولماقتا