ئۇيغۇر دېھقانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2006.06.29

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ، ياشلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر زەھەر تاشلاش مەركىزى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىدىن 650 كى يىغىۋېلىنغان بولسا، كېيىن بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەتتا بىر كۈندە يىغىۋېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 1200 دىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. دېمەك ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىغان. زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى پەقەت شەھەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى يېزا رايونلىرىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

يېقىندا خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 30 % نى دېھقانلار ئىگىلىگەن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپەيگەن. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى يېزىلاردا، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.

بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا رايونىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئايال مەزكۇر يېزىدا ھازىر ئىشسىز، بىكار يۈرۈپ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەن ياشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىدىن جىقىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.