مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەپەندىنىڭ "نىيازقىز " دراممىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا قارشى چىقىشىنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرى


2006.11.16
mesud-sabir-200.gif
مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەپەندى

ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن تونۇش بىر ئىسىم بولغان مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى، شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئىدى، كوممۇنىست خىتايلارنىڭ نەزىرىدە بولسا ئۇ " پانتۈركىزم" ئىدىيىسىنى ئەڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان " ئەڭ چوڭ يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر" ئىدى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق تارىخىي ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەپەندىنىڭ 40 – يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا يازغان " نىيازقىز" ناملىق بىر رومانى بولۇپ، 1947 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى تۇنجى كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى (ھازىرقى "ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسۇل ئۆمىكى" قۇرۇلغاندا، مەسئۇد ئەپەندىنىڭ "نىيازقىز" رومانى مەخسۇس درامىلاشتۇرۇلۇپ سەھنىدە ئويناپ چىقىلغان، بۇ دىراما ئوينالغاندىن كېيىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا خىتايغا تەگكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ئاجرىشىدىغان دولقۇن قوزغالغان.

"نىيازقىز" نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، "نىيازقىز" رومانى ۋە دراممىسىنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى ھەم مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن:

40 – يىللارنىڭ باشلىرىدا، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ خىتاي ئامبىلى، ئەمدىلا بويىغا يەتكەن نىيازقىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىنى بۇلاپ كېلىپ ئۆيىدە دىدەكلىككە سالماقچى بولغاندا، نىيازقىز قارشىلىق كۆرسىتىپ، دىدەك بولۇشنى رەت قىلغان. ئامالسىز قالغان خىتاي ئامبال، بۇ قىزنى ئۆزلىرىگە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى گانسۇ ئۆلكىسىنىڭ گانجۇ شەھىرىدىكى ئانىسىغا ئېۋەتىپ بەرگەن. ئامبالنىڭ مەقسىتى، بۇ قىزنى ئاۋال خىتايلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئىكەن. ئەمما بۇ قىز ئامبالنىڭ ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلگەندىن كېيىن، كېچە – كۈندۈز تىنىم تاپماي يىغا – زارە قىلىپ، پەقەت بوي بەرمىگەن، شۇڭا ئامبالنىڭ ئانىسى ئۇنى شۇ يەردىكى بىر خىتايغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىپ، بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلماقچى بولغان، ئەمما نىيازقىز قاتتىق تىركىشىپ تۇرىۋالغىنى ئۈچۈن، بۇ مەقسىتىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئوغلى بولغان ئابمالمۇ ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىگەن، قىزنىڭ كۈن بويى يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئامبالنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ئاخىرى "ئۇنداق بولسا ئۆز مىللىتىڭدىن بولغان بىرىنى تاپ، ياتلىق قىلاي" دىيىشكە مەجبۇر بولغان.

نىيازخان بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئالدىغا بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئۇچرىغان. ئەسلىدە بۇ بوۋاي ئۇششاق ئوقەت قىلىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ نىيازخان بۇ ئۇيغۇرغا ياتلىق بولۇپ، خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. 44 – يىلى مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەپەندى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر لانجۇ شەھىرىگە كەلگەندە، نىيازقىز بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنى ئۇچرىتى قالغان. بۇ قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەن مەسئۇد ئەپەندى، بۇ قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، "نىيازقىز " ناملىق روماننى يېزىپ چىققان.

كىتابتىكى ئىدىيە

بۇ دراممىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەقەدەر زور بەدەل تۆلىگەنلىكى، پۇل – مېلى ۋە ھوقوقى بار بىر خىتايغا تېگىشتىن، ئۆزى بىلەن دىنداش ۋە قان قېرىنداش بولغان ۋە ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر بوۋايغا تېگىشنى ئەۋزەل ھەم بەختلىك دەپ قارىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

ئەيسا ئەپەندىن ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن توي قىلغان خىتاي ئاياللىرىنىڭمۇ ھېچ بىر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئەرلىرىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، 40 – يىللارنىڭ باشلىرىدا لەنجۇ شەھرىدە سودا – سېتىق ئۈچۈن توپلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتايدىن ئۆيلەنگەنلەرنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ خانىملىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەخسۇس تىل كۇرسى ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاياللىرىنىڭ ئۆگىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئالدى بىلەن شۇ نۇقتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىمكى، مەيلى قايسى دىن، قايسى ئېرىققا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر – بىرىنى سۆيگەن ۋە بىر – بىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەن ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆز ئارا توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇش ھوقوقى بار، بۇ، بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي باياننامىسىنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. ئەمما بۇ خىل بىرلىشىش، بىر – بىرىنىڭ مىللىي، دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىغا تايىنىشى، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى بۇ ئالاھىدىلىكلىرىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك قاراش جەھەتتە تامامەن ئۆزىگە بېقىنىپ ياشاشقا قىستىماسلىقى لازىم.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بۇ خىل بىرلىشىشى، يەنى بىر – بىرى بىلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇشى، ھېچ بىر زامان يۇقىرىقى پىرىنسىپلارغا تايانغىنى يوق. ئەكسىچە ھەر زامان ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوق قىلىش ئاساسىغا تايىنىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىغا قەدەر يۈز بەرگەن مىللىي ئىنقىلاپلاردا ئوتتۇرىغا چىققان يەرلىك مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللىي كۈچلەرنىڭ ھەممىسىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ۋە پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن. ھەتتا 40 – يىللاردىكى 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىن قۇرۇلغان "ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت" مەزگىلىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت، خىتايلارنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەش ھەققىدە مەخسۇس بۇيرۇق چىقارغان.

ئەيسا ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىم، ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە بۇنچە قاتتىق تۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىزاھلىغان:

"شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ئىسيان ۋە كۈرەشلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرى، بۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ ھوقۇق كۈچىگە تايىنىپ مۇسۇلمان ئاياللارنى مەجبۇرى يوسۇندا خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئۇيغۇر خوتۇنلىرىنى خىتايچە كىيىندۈرۈپ، كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ يۈرىشەتتى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق غۇرۇرىغا تېگەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايغا تەگكەن بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆلگەندە، ئۇنىڭ نامىزىنى ھېچكىم چۈشۈرمەيتتى، ئۆلۈكىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئەمەس، چەت – ياقىلاردىكى قاقاسلىقلارغا كۆمۈۋەتەتتى".

شەرقىي تۈركىستان خەلقى، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنمۇ يۇقىرىقىدەك ئەنئەنىسىنى ساقلاشقا تىرىشىپ كەلدى. ئەپسۇسكى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەنئەنىۋىي سېستىمىسى پەيدىنپەي ئاجىزلاشقا ۋە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى.

ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان خىتاي كوممۇنىستلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا بۇنچىۋالا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەپلىرى، خۇددى يۇقىرىدىكى تارىخىي ۋەقەلەردە بايان قىلىنغاندەك، بىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت، يەنە بىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت بولغانلىقىدىندۇر. يەنى، بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، تاكى 1949 – يىلىغا قەدەر، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك (تەخمىنەن 400 مىڭ ئەتراپىدا ) شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ ياتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىدى، يەرلىك خەلقنى ھەر زامان قۇل ئورنىدا كۆرەتتى، شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتتىق نومۇس ھېسابلىناتتى، شۇڭا بىر خىتاي بىرەر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلىپ قالسا، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنى تامامەن خىتاينىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ياشاشقا، ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ئايىت پۈتۈن ئەنئەنىلەردىن ۋاز كېچىشكە قىستايتتى، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە خاس بۇ خىل خۇسۇسىيىتى، تەبىي ھالدا يەرلىك خەلق ئىچىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋە بۇ خىل نارازىلىق تەرەققى قىلىپ ئەمىلىي قارشىلىق كۆرستىش ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە بولغان چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيىسىدە بىر ئۆزگىرىش بولمىدى، يېڭى كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى، ئىلگىرى كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خورلاش ۋە دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي بىلەن توي قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇر قىزىنىڭمۇ يەنىلا ئىلگىركىلەرگە ئوخشاش خىتايچە سۆزلەپ، خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە يەپ – ئىچىپ يۈرگەنلىكىمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. شۇڭا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىرات بىلەن توي قىلىشىنى، پەقەتلا نوقۇل ھالدا، "بىر مۇسۇلماننىڭ بىر كاپىر بىلەن توي قىلىشى" دەپ ئەمەس، بەلكى "بىر ئۇيغۇرنىڭ يوقاپ كېتىشى" ياكى "بىر ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكرىنى يوقىتىپ قويۇشى" دەپ قارىماقتا. (پەرھات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.