«11 بېتىم» نىڭ ئىمزالىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى

بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرىكى، 1945-يىلى، 12-ئاينىڭ 30-ۋە 1946-يىلى، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «11 ماددىلىق بىتىم» گە ئىمزا قويغان پەيتتە جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگو موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.16
Joseph-Stalin-305.jpg جوسېف ستالىن.
www.google.com

مۇتلەق مەخپىي بۇ زىيارەت ھەققىدە 1945‏-يىلى 29- دېكابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستالىنغا مەلۇمات بېرىپ، گومىنداڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا جاڭ جىڭگونىڭ كېلىشىنىڭ قانداقتۇر بىرەر كېلىشىم تۈزۈش ئەمەس، بەلكى جاڭ كەيشىنىڭ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ تەييارلىقىنى بېجىرىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭ مەسىلىسى» جاڭ جىڭگونىڭ ستالىننىڭ ئالدىغا قويىدىغان مۇھىم نۇقىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ مەقسەت ئۈچۈن جاڭ جىڭگو موسكۋا سەپىرىدە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، ئۈرۈمچىدە جاڭ جىجوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، جىددىي داۋامالىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالى، ئىختىلاپلار، ئىلى تەرەپنىڭ چىڭ تۇرۇۋاتقان تەلەپلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. جاڭ جىڭگو موسكۋاغا كېلىشتىن ئىلگىرى، يەنى دېكابىرنىڭ 20-كۈنلىرى ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىلى ۋەكىللىرى 2-قېتىم غۇلجىغا قايتىپ كەتكەن پەيت ئىدى.

جاڭ جىڭگو 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە ستالىننىڭ قوبۇلىدا بولدى. سۆھبەت بىر سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىچىسلاۋ مولوتوۋ، پاۋلوۋ. خىتاي تەرەپتىن جاڭ جىڭگو ۋە خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇ بىڭچاڭ قاتناشتى.

جاڭ جىڭگونىڭ ستالىن بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتى 1946-يىلى، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىككى سۆھبەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىلا ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەخپىي سۆھبەت خاتىرىسى رۇسىيە ئالىمى لېدوۋسكىينىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. سۆھبەت رۇس تىلىدا بولۇپ، ناھايىتى تەپسىلىيدۇر.

30-دېكابىردىكى ستالىن بىلەن جاڭ جىڭگونىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ جىڭگو جاڭ كەيشىنىڭ ستالىنغا يازغان مەكتۇپىنى تاپشۇردى. جاڭ جىڭگو ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئاساسلىقى ستالىن بىلەن ئۆز-ئارا ئىشەنگەن ۋە چۈشەنگەن بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا جاڭ جىڭگو جاڭ كەيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگودا ھەرگىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

جاڭ جىڭگو بىلەن ستالىن 30-دېكابىردىكى سۆھبەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مانجۇرىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن مەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆچتى.

جاڭ جىڭگو تېمىنى دەرھال مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ سۆھبىتى مەسىلىسىگە يۆتكىدى. سۆھبەت خاتىرىسىدىن قارىغاندا، بۇ تېما تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇشى ئېھتىماللىقا يېقىن.

ستالىن سۆھبەتتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمگە ئىمزا قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە «بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قىلىدىغانلىقى»، «قوزغىلاڭچىلارنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ ۋەدە بەرگەن. ئەنە شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، ئىلى ۋەكىللىرى 78 كۈنلۈك تالاش-تارتىشنى توختىتىپ، «11 ماددىلىق بىتىم» گە ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.