سالام ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت جانابلىرى:
مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە قىلغان ياردەملىرىگە مىننەتدارلىق ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە سىزنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئۈچۈن ئالغان ئاقىلانە ۋە تىز قارارىڭىزغا نىسبەتەن مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەن تېخىچە يامىداپ ئۆگىنىۋاتقان ئىنگلىزچەمدىكى نۇقسانلارنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۈمىد ۋە تىلەكلىرىنى بايان قىلىپ خېتىمنى داۋام ئېتىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز.
ئىسمىم ئابۇ بەكرى. مەن ئۇشبۇ مەكتۇپنى 2006 - يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا سوتى بىزنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىمىزنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بىزگە سىياسىي پاناھلىق بەرگەن بىردىن بىر دۆلەت، ئالبانىيىدە بىرگە ياشاۋاتقان ئەخمەت، ئەختەر، ئەجۇپلارغا ۋاكالىتەن يازماقتىمەن.
مەن ئۆزۈم ھەققىدە ئىككى كەلىمە توختىلاي. بىز ئۇيغۇرلاردا مۇنداق بىر كەلىمە بار: "ئاقىۋىتىنى كۆپ ئويلىغان باتۇر بولالماس" شۈبھىسىزكى ئىنسان ئىكەنمىز ئاقىۋەتنى ئويلايدىكەنمىز ھەم ئىنسان ئىكەنمىز نەچچە زامان ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىمەي ئۆتەلمەيدىكەنمىز.
2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى. كىچىككىنە كۆلبەمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېچىنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم. ھەممەيلەن ئۇيقۇدىن بىدار. ھەتتا ئايالىمنىڭ قورسىقىدىكى قوش گېزەك بالىلىرىممۇ ئويغاق ئىدى. ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆمگەن .... ھەتتا ئىككى ياشلىق ئوغلۇممۇ شۈك بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ كەچتە مەن ئايالىمغا كۆڭلۈمگە پۈككەن مەنزىلىمنى ئېيتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىميۇ، ئەمما ئوغلۇم مەندىن سورىغاندا جاۋاب بېرەلمىگەن سوئاللار تۈپەيلىلا ئىككىلىنەتتىم. قىش ئەمدىلا كىرگەن بولۇپ، بىز مەشنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتۇق. مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىۋالغان ئىدىم. ئۇ بىگىز بارمىقىمنى بۇدرۇققىنا قوللىرى بىلەن قاماللىۋالدى.
- دادا تىرناق سۆڭەكمۇ؟
- ياق. جاۋاب بەردىم مەن. تىرناق سۆڭەك ئەمەس.
- ئۇنداقتا گۆشمۇ؟
- ياق. گۆشمۇ ئەمەس.
- ئۇنداقتا تىرناق زادى نېمە؟
- بىلمىدىم.
- بىلمەيمەن. جاۋاب بەردىم مەن.
شۇنچە كىچىك ئوغلۇمنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىدىم. ئۇ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ سوئاللىرى تىرناق ھەققىدە بولمايدۇ. ئۇ چاغدا قانداق جاۋاب بېرەرمەن؟
2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ تىنماي، ئارقامغا قاراپمۇ قويماي ۋە تەشۋىشلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئاخىرقى مەنزىلىم ئېنىق بولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندىم.
"پەقەت ۋە پەقەت …! ئىستانبۇلغىچە بېرىۋالسام ھە! زاۋۇتقا كىرىۋالسام، كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ جېنىمنى باققاچ، ئازدۇر - كۆپتۇر پۇل يىغىۋالسام، ئىنشا ئاللا! ئايالىمنى، ئوغلۇمنى ئېلىپ كېلىۋالسام - ئەڭ مۇھىمى ئوغلۇمنى، قوشكېزەك بالىلىرىمنى ئىستانبۇلدا كۆرسەم، ئاھ! ئۇلارنى باغرىمغا بېسىپ، بېشىمدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ مەشرىقتىن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بەرسەم. ئۇلارنى باغرىمغا تېڭىپ بارلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بەرسەم، ھەمدە ئۇلارغا، ئانامغا مومام، مومامغا مومىسى ئۆگەتكەن ئىشلارنى ئۆگەتسەم." بۇ پەقەت رېژىسسورلۇقىنى ئۆزۈم قىلىپ، سېنارىيىنى ئۆزۈم يېزىپ، باش رولنى ئۆزۈم ئالغان خۇددى خەيرلىك ئاياغلىشىدىغان بىر كىنو بولۇپ، مەن قەدىرلىك خەلقىمنىڭ قەھرىمانى ئىدىم.
3 يېرىم يىل گۇەنتانامودىكى ھەربىي سوت مەندىن ئۈزۈلدۈرمەي سوئال سوراپ تۇردى.
- ئەگەر بۇ يەردە ئۆلۈپ تارتىپ قالساڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە نېمە ئويلايسەن؟
- مەن بىر دادا ۋە ئەرمەن. مانا بۇ مەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆلۈش، دەپ جاۋاب بېرەتتىم ۋە سوئال سوراشقا ئىجازەت سورايتىم.
- ئەگەر گۇەنتانامو تاقالسا، بالىلىرىڭنىڭ قەلبىدە قەھرىمان سانىلامسەن؟
مەن گۇناھسىز دەپ جاكارلاندىم. ئادۋوكاتىمىز، بىزنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىققۇچە گۇەنتانامو ھەربىي گازارمىسىدىكى بىر مېھمانخانىدا يېتىپ تۇرۇش تەكلىپىنى قويدى. ئۇخلىماي چۈش كۆرگەن ئىدۇق! بىز تۈرمىگە يېقىن جايدىكى ئىگۋانا " چوڭ كەسلەنچۈك" دەپ ئاتىلىدىغان بىرلاگېرغا قاماپ قويۇلدۇق. بىز توققۇزەيلەن ئىدۇق. بىر دوستۇم بەزى چاغلاردا ئەسكەرلەردىن سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سوراپ قوياتتى. ئۇ ھەتتا بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى. مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنى بىلمەكچى بولغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم. مەن ۋاقىت سورىسام، چوقۇم بىرەر سەۋەبىم بولغان بولار ئىدى....
ئىگۋانا يەنى كەسلەنچۈك لاگېرىدا چوڭ كەسلەنچۈكلەر بار ئىدى. بىر ئۇلارغا بولكا تاشلاپ بېرەتتۇق. ئۇلارمۇ بىزگە كۆنۈپ ياتاقلىرىمىزغىچە كىرىشەتتى. ھەممەيلەن ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرەتتۇق. بەزى چاغلاردا بەك كېچە بولۇپ كەتسە ھەممەيلەن كەسلەنچۈكلەرنى ئەسلىشەتتۇق.
بىر كۈنى سەھەردە، دوستلىرىم مېنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە ھاڭ - تاڭ قالدۇردى. ئۇ كۈنى مېنىڭ قوشكېزەك پەرزەنتىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇلار تامىقىدىكى تورتلارنى يېمەي ماڭا بېرىشتى. دەل شۇ كۈنى ياتىقىمىزغا ئىككى چوڭ كەسلەنچۈك كىرىپ كەلگەن ئىدى. مەن ئۇلارغا بالىلىرىمنى، ئۆزۈمنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىمنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ تورت بەردىم. مېنىڭ ئىستانبۇل چۈشۈم گۇەنتانامودا بەربات بولغان، يۈرەك پارىلىرىمنىڭ ئورنىغا كەسلەنچۈك ئالماشقان ئىدى....
2006 - يىلى ئالبانىيىگە، ئىككىنچى ۋەتىنىمگە يېتىپ كەلدىم. تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى! نەقەدەر ئىنتىزار بولغان ئىدىم ھە!! ئۇلار ھاياتمىدۇ؟ ئايالىم ۋە يۈرەك پارىلىرىم بىلەن تۇنجى قېتىم پاراڭلاشتىم. ئاھ ئۇلار ھايات ئىكەن!
كۈن چىقاردىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ، ھەر سەھەر، قۇياش كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئورنۇمدىن تۇرىمەن ۋە قۇياشنىڭ چىقىشنى قۇچاقلىرىمنى ئېچىپ، ئاچ قورساق كۈتىمەن.
بەلكىم مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن بولغان ئائىلەمنى ئەسلەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىش ھەققىدە بەرگەن قەسەملىرىمنى ئۇنتۇماسلىق ئىرادەمنى چىڭىتىمەن.
ھالبۇكى، پرېزىدېنت جانابلىرى، مېنىڭ يەنە 17 نەپەر قېرىندىشىم ئۇ تۈرمىدە ھېلىھەم قاماقلىق. مەن ئۇ تۈرمىدىن ئايرىلغىنىمغا 3 يىل بولدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا شۇ يەردە. ئۇلا چەككەن رىيازەتلەرگە پات ئارىدا خاتىمە بەرگەيسىز.
سىزنىڭ بۇ يىل 22 - يانۋاردىكى سۆزلىرىڭىز كۆڭلۈمگە ياقتى. مەن سىزنى ئاشۇ تارىخىي سايلىمىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمەن. ئەمما ئارىدىن نەچچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى.
ئالبانىيىدە قالغان تۆتەيلەنگە ( ئارىمىزدىن بىرەيلەن شىۋېتسىيىگە يەرلەشتى) نىسبەتەن ھايات تولىمۇ مۈشكۈل بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىمىزمۇ شۇنچە يىراقتا ۋە مەۋھۇم. بىر كۈنى ھۆكۈمىتىڭىز ۋە خەلقىڭىز 17 نەپەر قېرىندىشىمىز بىلەن دىدارلاشقۇسى. بەلكىم كۈنلەردىن بىر كۈنى كېلىپ بىزمۇ ئامېرىكىغا بېرىپ قالىدىغان ئۈمىدلەرمۇ تۇغۇلۇپ قالار.
پرېزىدېنت جانابلىرى.
ھاياتتا ھېچكىممۇ ئۆزى خالىغان مەنزىلگە تولۇق يېتەلىگەن ئەمەس. بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىز ئوخشىشىپ كېتىمىز. پەقەت مەنزىلىمىز پەرقلىقتۇر.
سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئۇزۇن سەپىرىڭىزنى ئاخىرىنى كۆپ ئويلاشمايلا ئاتلىنىپ باھادىر بولدىڭىز. مەن سىز تەرەپتە ۋە سىزدىن پەخىرلىنىمەن.
پرېزىدېنت جانابلىرى.
سىز بىلەن بىر پىكىردە ئورتاقلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىز.
"يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ" ( ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى بويىچە شەرھىيلەندى) دېگەندەك، نەدە نامراتلىق كوپ بولسا شۇ يەردە مەسىلە ئېغىر بولىدۇ، ئاياغنى بىر مەسىلە دەپ پەرەز قىلساق شۇڭا ھەر بىر بالا، ھەر بىر ئايال ۋە يالاڭ ئاياغ ئەرلەرگە بىر جۈپتىن، ئاياغ سوۋغات قىلىڭ. ھەممە ئىشنى يۇقىرىقىدىن باشلاڭ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن كەمىنىڭىز،
ئابۇ بەكرى قاسىم
تىرانا، ئالبانىيە
2009 - يىلى 24 - مارت
