بېشكەكتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى قىرغىز دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيى زالىدا 22‏-دېكابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2011.12.22
abduxaliq-uyghur-kitab-305.jpg ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Oyghan

پائالىيەتتە بۇ ئىككى شائىرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى سۆزلەپ ئۆتۈلگەن. پائالىيەتكە بېشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. مەزكۇر پائالىيەتنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.