ئالماتادا ئاباي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى

25-ئاۋغۇست كۈنى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى(ئىلگىرىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى)نىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 1985-ۋە 2012-يىللار ئارىلىقىدىكى ئۇچۇمكارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماتادا ئاباي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر. 2012-يىلى 28ئاۋغۇست، ئالماتا.
ئالماتادا ئاباي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر. 2012-يىلى 28ئاۋغۇست، ئالماتا.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇچۇمكارلىرىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، «بىرلىك جەمئىيەتلىك فوندى» ۋە مەسۇم ياقۇپوف نامىدىكى 101-گىمنازىيىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ باش قوشۇشقا ئۇستازلار، ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، خەشكىلەڭ ناھىيىلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىنىڭ ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمى مەرۋانەم ھەمرايېۋا بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت