قازاقىستاندا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە مىللەتپەرۋەر ئىنسان ئەنۋەر ھاجىيېف ياد ئېتىلدى

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان مىللەتپەرۋەر زاتلار كۆپلەپ سانىلىدۇ. بۈگۈنكى ئەۋلادلار ئۇلارنى ياد ئېتىپ، ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.07.17
enwer-hajiyef.jpg قازاقىستاندا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە مىللەتپەرۋەر ئىنسان ئەنۋەر ھاجىيېف(ئوڭدىن 2-كىشى).
RFA/Oyghan

شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئورۇنلاشقان گۇمىليېف نامىدىكى ياۋروئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گراژدانلىق، تەبىئىي مەنبەلەر ۋە ئېكولوگىيىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، دۆلەت ھوقۇق تەتقىقاتلىرى، قانۇن تەييارلاش ۋە ئانالىز ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەركەز يېنىدىكى ئانالىتىكىلىق تەھلىل كېڭىشىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور، مەرىپەتپەرۋەر ئىنسان مەرھۇم ئەنۋەر ھاجىيېف بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم، يەنى 2009-يىلنىڭ 17-ئىيۇل كۈنى 51 يېشىدا پاجىئەلىك ۋاپات بولغان ئىدى.قازاقىستاندا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە مىللەتپەرۋەر ئىنسان ئەنۋەر ھاجىيېف(ئوڭدىن 4-كىشى).

ئەنۋەر ھاجىيېف 1957-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، 1983-يىلى ئالماتادا كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدلىيە فاكۇلتېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە ھوقۇق ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1992-يىلدىن 2001-يىلغىچە ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى كونستىتۇتسىيىلىك سوتىنىڭ چوڭ مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان دۆلەت ئەدلىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كاتىپى، فاكۇلتېت رەھبىرى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇرغان.

ئا ق ش نىڭ ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتى، رۇسىيىنىڭ موسكۋا دۆلەت ۋە ھوقۇق ئىنستىتۇتى قاتارلىق بىلىم دەرگاھلىرىدا ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئە. ھاجىيېف ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە ئاگرارلىق، تەبىئىي مەنبەلەر، ئېكولوگىيە ۋە يەر ھوقۇقى ئوخشاش مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ جەرياندا بىر نەچچىلىگەن ئىلمىي مونوگرافىيەلەر، ئونلىغان ماقالىلەر ۋە ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ئاپتورى سۈپىتىدە قازاقىستان ئىلىم-پەنىدە، پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللەت زىيالىيلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەت قازانغان ئىدى.

مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ساھەسىدە تىنماي ئەمگەك قىلىپ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنى باش نىشان قىلغان ئە. ھاجىيېف ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەشكىلاتچى، مەرىپەتپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر خىسلىتى بىلەن خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىگە ئايلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزادى رابىك ئىسمايىلوف ئە. ھاجىيېف ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.