مۇسۇلمانلارنى غەزەپلەندۈرگەن فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئۆتكەن ھەپتىدە، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەسلى مىسىرلىق قىبتىلاردىن بولغان نىكولا باسىلى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن فىلىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتكەندەك، باشقا دىندىكىلەرنىمۇ غەزەبلەندۈرۈۋەتكەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-09-18
Share
musulmanlar-namayish-film-305.jpg ئىسلامغا قارشى فىلىمدىن غەزەپلەنگەن مۇسۇلمانلار ئامېرىكا بايرىقىنى كۆيدۈرمەكتە. 2012-يىلى 18-سېنتەبىر، ھىندىستان.
AFP

چۈنكى، فىلىم ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش مەقسىتى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى ئىنساندىنمۇ تۆۋەن قىلىپ تەسۋىرلىگەندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسەتكەن.

نىكولانىڭ بۇ قىلمىشىنى ھەر قايسى دۆلەت مەسئۇللىرى، دىن ئادەملىرى ۋە دۇنيادىكى ھەر خىل تەشكىلات ۋە جامائەتلەر قاتتىق ئەيىبلىدى. ھەتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتونمۇ بۇ قىلمىشنى ئەڭ ئۇچىغا چىققان ۋەھشىي قىلمىش دەپ ئەيىبلىدى. ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇللىرى فىلىم ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلارنى ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل ۋە مەنتەقە بىلەن ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى. شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن ئىسلام شەھەرلىرىدە بۇ فىلىمگە قارشى نامايىشلار بولۇپ ئۆتتى ۋە بىر قانچە كىشى بۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. فىلىم ھەققىدىكى ئىنكاسلار ئەرەب دۇنياسىنىڭ گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا ئۈزۈلمەستىن يېزىلىپ تۇرماقتا.

قانۇنشۇناسلارغا كۆرە، غەرب دۇنياسى بۇ جىنايەتنى پىكىر ئەركىنلىكى دەپ ئاقلىماقچى بولسىمۇ ئۇنى ئاقلىيالمايدۇ. چۈنكى پىكىر ئەركىنلىكى باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلىمەسلىك ۋە ھېچكىمنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق شەرتى بىلەن شەخسى ئەركىنلىك بولالايدۇ. ئەمما، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى داۋاسى بىلەن باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگسە، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلىسە، دۇنيادا تىنچلىق بولمايدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نىكولا باسىلى مىسىرلىق خرىستىئانلاردىن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى مىسىرلىق قىبتىلارنى مىسىر ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق ھەمىشە مەسىلە سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشى ھەر قايسى دىن ئىگىلىرىنىمۇ قاتتىق نارازى قىلغان. ھەتتا كالىفورنىيىدىكى قىبتىلار چىركاۋىنىڭ راھىبىمۇ بۇ فىلىمنى ئەيىبلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن:
«بىز بۇ فىلىمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ تەلىماتى بىزگە باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشنى پەرز قىلغان».

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 18-سانىدا يازغۇچى غاسسان ئىمامنىڭ قەلىمى بىلەن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«غەرب دۇنياسىدىكى بەزى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىسلامغا ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىگە ئاداۋىتى بارلىقى بىر ھەقىقەت. ئۇلار ھەر پۇرسەتتە ئىسلام دىنىنى مەدەنىيەت ئەسىرىگە ماسلىشالمايدىغان، باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، ئۇرۇشقاق دىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ، ئامېرىكا ياكى ياۋروپا خەلقىنىڭ خاھىىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بەلكى شۇ رادىكال شەخسلەرنىڭ ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى سانالمايدۇ. 2005-يىلى دانىيىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھەجۋىي رەسىملەر نەشر قىلىنغان بولسا، بۇ يىل بۇ رادىكاللىق يەنە بىر دەرىجە تەرەققىي قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان شەكىلدە تەسۋىرلەپ فىلىم ئىشلەشكە قەدەر يېتىپ بارغان. فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكى بىر جىنايەت. جىنايەت بولۇپمۇ دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەيدىغان بىر چوڭ جىنايەت. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى يوللۇق ھالدا جازالاش ئۈچۈن ھېسسىياتقا ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشەك توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: غەرب دۆلەتلىرىدە «كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش جىنايەتتۇر» دەيدىغان قانۇن بار. بىز شۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم. يەنە بىز ئىقتىسادقا چىداپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇرغان فىلىملەرنى ئۆزىمىز ئىشلەپ ھەر قايسى تىللاردا تارقاتساقمۇ ئەڭ ياخشى رەددىيە بولىدۇ.»

بېنغازى شەھىرىدە ئۆلگەن ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ نېمە گۇناھى بار؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى لىۋىيىنىڭ بېنغازى شەھىرىدىكى باش ئەلچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن زىيان تارتتى. بېنغازىدا ئەلچىخانا بىلەن بىرگە پارتلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ئەرەبلەرنى چۈشىنىدىغان، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان شەخس بولۇپ، ئۆتكەن يىلى كازافىينىڭ قەتلىئامىنى توختىتىش ئۈچۈن ئوباما بىلەن ھىللارىي كىلىنتونلارنى كازافىيغا قارشى ھاۋادىن ھەرىكەتلىنىشكە قايىل قىلغان شەخس تۇرۇپ، يەنە لىۋىيىدە كازافىينىڭ قەتلىئامىدىن ئۆزى قۇتقۇزۇپ قالغان ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئادەم ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن. ئەگەر بۇ پارتلىتىشنى ئەلقائىدە ياكى قايسىبىر مۇسۇلمان جامائەت قىلغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ يەتكۈزگەن بولدى. چۈنكى، ئىسلامدا بىراۋنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك باشقا بىرى جازالانمايدۇ. قۇرئان كەرىمىدە «بىراۋ يەنە بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. فىلىمنى مىسىرلىق قىبتى ئىشلىگەن تۇرسا، ئوبامانىڭ ياكى ئامېرىكىنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ فىلىمنى ئوباما ئىشلىمىگەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىمىز؟ بىزنىڭ بۇ قىلمىشىمىز فىلىمنى ئىشلىگەنلەرنىڭ غەرىزى ئۈچۈن خىزمەت قىلمامدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن تۇرسا، بىز ئەلچىخانىلارنى پارتلاتساق بولامدۇ؟ فىلىمنى ئىشلىگەن قىبتىغا يېقىندىن ياردەملەشكەن ئامېرىكىلىق شەخس ستىۋىن كلېيننىڭ «بىز بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان ئادەملەرگە يەتتۇق. مەن ئىسلامنىڭ شەنىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بىرەر سۆزنى قىلىپلا قويسام، مۇسۇلمانلار قوزغىلىپ چىقىدۇ» دېگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟

مەلۇمكى، بۇ شەخس ئۆز ۋاقتىدا ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن ئىسلامغا قارشى جامائەت توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئوغلى يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئېشىپ كەتكەن. ئەمما، مۇنداق بىر يامان نىيەتلىك ئادەمنىڭ قىلمىشىدىن پۈتۈن ئامېرىكىنى مەسئۇل تۇتۇش توغرا بولامدۇ؟»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت