غۇلجا قانلىق ماي ۋەقەسى-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى (2)

بۇنىڭدىن 50 يىل مۇقەددەم، يەنى 1962-يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە-ماي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ھەم مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان پىلان-ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە غۇلجا شەھىرىدە تىنچ ئاھالىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ ۋەقەنىڭ بەزى سىرلىرى مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارنى ئويلاندۇرماقتا ھەم ئۇلاردا قاتتىق نەپرەت ئويغاتماقتا. ئىككى كوممۇنىستىك مەملىكەت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى بۇ ۋەھشىيلىك ھەم ساتقۇنلۇقنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەزكۇر پاجىئە قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخىي ئىلىمىدا ھەم ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئاز ئۆگىنىلگەن ھەم ئەكس ئېتىلگەن ۋەقەلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان مۇستەبىتلىككە ئېرىشكەندىن كېيىنكى دەۋردە تەسۋىرلەش ئوبيېكتى بولغان غۇلجا قانلىق ۋەقەسىگە دەسلەپكى قېتىم مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى يەھىيا تايىروفنىڭ مۇراجىئەت قىلغانلىقى مەلۇمدۇر. ئەينە شۇ قانلىق ۋەقەنىڭ شاھىتى بولغان ئەدىب ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى يورۇققا چىققان «كۆيۈۋاتقان يول» ناملىق رومانىدا زاھىر تارىخچى ھەم ئۇنىڭ ئوغلى ئېلىيار ئوبرازلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت ئىشتىراكچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى، ماي ۋەقەسىنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت