ئىبراھىم مۇسايېف: بىز ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم ئاتلانغان ئىدۇق (1)

1941-يىلى باشلانغان سوۋېت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار سوۋېت ئېلىنى، ياۋروپانى گېرمان فاشىستلىرىدىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا قازاقىستاندىن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قۇربان بولغانلارغا تۇرغۇزۇلغان ئابىدە.
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا قازاقىستاندىن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قۇربان بولغانلارغا تۇرغۇزۇلغان ئابىدە.
RFA/Oyghan

ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ قانلىق ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى سېپىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. تۆت يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش جەريانىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى قىز-يىگىتلىرىدىن ئايرىلدى، ئېغىر جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدى. قازاقىستاننىڭ جامبۇل ۋىلايىتى چۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق تولېبى يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 87 ياشلىق ئىبراھىم ئاكا مۇسايېف ئەينە شۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ بىر شاھىدىدۇر.

ئىبراھىم تاھىر ئوغلى مۇسايېف 1925-يىلى ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردىكى 17-مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر سىنىپىدا، ئاندىن مەزكۇر مەكتەپ يېپىلغاندىن كېيىن، 52-قازاق مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا بىلىم ئالغان. بىر نەچچە ۋاقىت ئىشلىگەندىن كېيىن 1943-يىلى ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلىپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ بىرىدە مەخسۇس تەييارلىقتىن ئۆتكەن ۋە ئالتە ئايدىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن.

ئۇ ئۇكرائىنا، پولشا، رۇمىنىيە ۋە گېرمانىيىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بولغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ، ئىككى قېتىم يارىدار بولغان. جەڭلەردە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتى ئۈچۈن ئىبراھىم ئاكا مۇسايېف قىزىل يۇلتۇز ئوردېنى، 3-دەرىجىلىك شۆھرەت ئوردېنى، 2-دەرىجىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردېنى ھەم بىر نەچچە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن.

1947-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ھەربىي سەپتىن بوشىتىلغان ئى. مۇسايېف شۇ يىلى ئالماتا تەسۋىرىي سەنئەت مەكتىپىنى تاماملاپ، ئاندىن 1953-يىلى ئۇكرائىنىنىڭ خاركوف تەسۋىرىي سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان، ئامما ئىككى يىلدىن كېيىن ئائىلە ئېغىرچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئوقۇشنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ھەر خىل مەھكىمىلەردە رەسساملىق، شۇ جۈملىدىن تەسۋىرىي سەنئەت مەكتىپىدە بىر نەچچە يىل ئۇستازلىق قىلىپ، «قازاقىستان مائارىپ ئەلاچىسى» ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان. ئىبراھىم مۇسايېف ئاكا 1985-يىلدىن بۇيان دەم ئېلىشتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىبراھىم مۇسايېف ئاكا ئۆزىنىڭ ھايات يولى ھەم رەسساملىق پائالىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت