ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللار يىغىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى

بىر جەمئىيەتنىڭ، بىر خەلقنىڭ ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ياراملىق ياكى يارىماس بولۇپ چىقىشى شۇ جەمئىيەت ۋە مىللەت ئاياللىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلىشىگىمۇ باغلىق.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم. 2012-يىلى 20-مارت، تۈركىيە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم. 2012-يىلى 20-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن 120 دىن ئارتۇق ئايال بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. «ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان مەشھۇر سۆز بار، ئاياللار ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، چۈنكى ئاياللار كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈپ جەمئىيەتكە قوشۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. 2012-يىلى 20-مارت، تۈركىيە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. 2012-يىلى 20-مارت، تۈركىيە. RFA/Arslan

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال قاتناشتى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىق بىر قانچە ئايال سۆز قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى، پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىگە ئالاقىدار تەلىم - تەربىيە ئېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت