جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىكى سوت يەنە كېچىكتۈرۈلدى

جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىۋىتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سوتلانماقچى ئىدى. بابۇر مەخسۇت دېلوسىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ بولغىنى ئۈچۈن، سوت 7 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-07-02
Share
Jasus-gumandari-Babur-Mexsut1-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ.
RFA Photo

بۈگۈن شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، سوتنىڭ يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنلىكى يەنى، 7 - ئاينىڭ15 - كۈنىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

بابۇر مەخسۇت دېلوسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز تارقالغان ئىدى.

بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان ئابدۇللاھ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەتجان ئابدۇللاھ ئەپەندى بابۇر مەخسۇتنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا پەخرىي مەسلىھەتچى بولغانلىقىنى، ئەمما تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداق رولى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ھەم بابۇر مەخسۇتنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىكى سوتنىڭ يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن بولغان تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت