قازاقىستان لوندون ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا يەتتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12-ئاۋغۇست كۈنى لوندوندا 30-ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ تەنتەنىلىك يېپىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-08-14
Share
olimpik-yepilish-2012-london-305.jpg لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 12-ئاۋغۇست، لوندون.
AFP

27-ئىيۇلدا باشلىنىپ 16 كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر ئويۇنلارغا 205 ئولىمپىك كوماندا قاتناشقان بولۇپ،ئۇلار 39 خىل تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە كۈچ سىناشقان ئىدى. ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ يەكۈنى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 46 ئالتۇن، 29 كۈمۈش ۋە 29 برونزا مېدالى بىلەن ئىگىلىۋالدى. ئىككىنچى ئورۇنغا 38 ئالتۇن، 27 كۈمۈش ۋە 22 برونزا مېدالى بىلەن خىتاي، ئەمدى ئۈچىنچى ئورۇنغا 29 ئالتۇن، 16 كۈمۈش ۋە 19 برونزا مېدالى بىلەن بۈيۈك برىتانىيە ئېرىشتى.

قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرى بۇ قېتىمدا 20 ئەڭ كۈچلۈك ئولىمپىك كوماندا تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى. قازاقىستان مەملىكىتى ھەم شەخسەن دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، شۇنداقلا پۈتكۈل قازاقىستانلىقلار قازاقىستان ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى يۇقىرى باھالىدى.

قازاقىستان مىللىي ئولىمپىك كومىتېتى تورىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىق ئولىمپىكچىلار 2012-ئويۇنلاردا ئومۇمىي ھېسابتا 12-ئورۇننى ئىگىلىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەملىكەت تەنھەرىكەتچىلىرى 13 مېدالنى يېڭىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالېكساندىر ۋىنوكۇروف ۋېلوسىپېد مۇسابىقىسى، زۇلفىيە چىن شەنلو، ماييا مانېزا، سۋېتلانا پودوبېدوۋا، ئىلىيا ئىلىئىن ئېغىر ئاتلېتىكا، ئولگا رىپاكوۋا يېنىك ئاتلېتىكا ۋە سېرك ساپىيېف بوكس بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئەمدى كۈمۈش مېدالغا بوكسچى ئادىلبېك نىيازىمبېتوف، برونزا مېدالىغا بوكسچىلار مارىنا ۋولنوۋا ۋە ئىۋان دىچكو، گرېك-رىم چېلىشىشى بويىچە دانىيال غادژىيېف، ئەركىن چېلىشىش بويىچە ئاقژجۇرېك تاناتاروف، چېلىشىش بويىچە گۈزەل مانيۇروۋالار مۇكاپاتلاندى.

مەزكۇر ماقالىدە 2012-يىل لوندون ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل قازاقىستان ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس تارىخىي ۋەقە بولغانلىقى، ئومۇمىي مېداللار سانى بويىچە قازاقىستان ئۆتكەنكى بېيجىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىدىمۇ شۇنداق كۆرسەتكۈچنى نامايىش قىلغان بولسا، بۇ قېتىمدا دەسلەپكى قېتىم ئالەمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەملىكەتلىرى قاتارىغا كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇمكى، قازاقىستاندا بوكس ئوخشاش تەنھەرىكەت تۈرىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قازاقىستانلىقلار ھەر بىر ئولىمپىك ئويۇنىدا بوكسچىلاردىن كۆپرەك ئۈمىد كۈتىدۇ. بۈگۈنكى قازاقىستان بوكسچىلىرىنىڭ ئىچىدە سېرك ساپىيېف ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 69 كىلوگرامغىچە بولغان سالماقتا بىرىنچىلىكنى ئۇتۇۋالدى ھەم لوندون ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ ياخشى ئويۇنچىسى ئاتىلىپ، ۋېل باركېر مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ مۇكاپات بىلەن قازاقىستانلىق بوكسچىلار ۋاسىلىي ژىروف ۋە بەختىيار ئارتايېفلار تەقدىرلەنگەن ئىدى.

«ئانيۇس. كز» تور گېزىتىدە بېسىلغان «بىرمۇ ئولىمپىك ئويۇنى قازاقىستانلىق بوكسچىلارنىڭ ئالتۇنىسىز ئۆتمەيدۇ» دېگەن ماقالىدە ۋاسىلىي ژىروف، ئېرماخان ئىبرايىموف، بېكزات ساتتارخانوف، بەختىيار ئارتايېف، باخىت سارسېكبايېف قاتارلىق بوكسچىلارنىڭ قازاقىستان شەنىنى قوغدىغان ئەڭ يارقىن تەنھەرىكەتچىلەردىن ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر قايسىغا خەت يوللاپ، ئۇلارنى بۇ غالىبىيەت بىلەن سەمىمىي تەبرىكلىگەن.

بوكسچى س.ساپىيېفقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «لوندوندىكى 30-يازلىق ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا بوكس بويىچە مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىڭ بىلەن تەبرىكلەيمەن! سەن ئۆز غالىبىيىتىڭ بىلەن ۋەتەنداشلىرىڭغا چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدىڭ ھەم ئۇلارغا مەملىكىتىمىز ئۈچۈن سەمىمىي غۇرۇر سېزىملىرىنى بېغىشلىدىڭ. مۇنداق يارقىن غالىبىيەتلەر ياش قازاقىستانلىقلار ئۈچۈن سۆزدە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە، تەنھەرىكەت چوققىلىرىغا يولنىڭ دائىم كۈندىلىك ۋە پىداكارانە ئەمگەك ئارقىلىق ياتىدىغانلىقىنى دەلىللەيدىغان ياخشى ئۈلگە بولىدۇ. مۇستەھكەم سالامەتلىك، بەخت، شۇنداقلا بارلىق ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت