شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە 3-ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.03.06
maarip-hemkarliq-jemiyiti-yighini-305.jpg شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر. 2012-يىلى 4-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەر ئاينىڭ بېشىدا بىر قېتىم يىغىلىپ سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيىتى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4‏-كۈنى جەمئىيەتنىڭ مەركىزىدە 3-ئايلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.