خورما دەرىخى ۋە مۆمىن ئادەم

ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئوخشىتىش بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن زور.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011-10-07
Share

چۈنكى ئۇ تىلنىڭ كونكرېت، جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى ۋە چوڭقۇر بىر مەزمۇننى ئوبرازلىق ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا «خورما دەرىخى ۋە مۆمىن ئادەم» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« دەرەخلەر ئىچىدە ياپرىقى تۆكۈلمەيدىغان، ھەر دائىم ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان بىر دەرەخ بار، ئۇ مۆمىنگە ئوخشايدۇ. ئۇ بولسا، خورما دەرىخىدۇر» دېگەن. چۈنكى خورما دەرىخىدە ھەقىقىي مۆمىن ئادەمنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى سۈپەتلىرى گەۋدىلەنگەن. مۆمىن ئادەم راستىنىلا خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ. ئۇ مۇنداق:

  1. خورما دەرىخى تۈپتۈز ئۆسىدىغان دەرەخ، ئۇنىڭ ئەگرى ياكى سىڭاريان يېرى يوق. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق تۈز بولىدۇ. بىر ئاللاغا ئىشىنىدۇ، ھەمىشە ئىنسانلارغا پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئىلاھىي تەلىماتلاردىن قايرىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئوي-پىكىردە تۈز، ئېتىقادتا توغرا، سۆزىدە راستچىل، ئىش -ھەرىكىتىدە دۇرۇس بولىدۇ.
  2. خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، شاخلىرى كۆككە تاقاشقان بولىدۇ. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئاللاغا خۇددى خورما دەرىخىدەك كۆتۈرۈلىدۇ.
  3. خورما دەرىخى مەزمۇت ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بويى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ بوران-چاپقۇنلار ئۇنى تەۋرىتەلمەيدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى بالايىئاپەتلەر، مۇسىبەتلەر ۋە ئېغىر كۈنلەر يىقىتالمايدۇ. چۈنكى مۆمىن ئادەم دېگەن سەۋرچان كېلىدۇ.
  4. خورما دەرىخىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى گۈزەل، مېۋىسىمۇ تەملىك كېلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پاكىز، رەتلىك ۋە يېقىملىق بولىدۇ، دىلىمۇ پاك، تەبىئىتى ساپ بولىدۇ، يامان قىلىق، بەتنىيەتلىك، كۆرەلمەسلىك، پىخسىقلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە باشقا يامان ئىللەتلەردىن خالىي بولىدۇ. ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولىدۇ.
  5. خورما دەرىخىنىڭ ھەممە يېرى پايدىلىق. ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلىدۇ، ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولىدۇ. ياغىچى چەللە-باراڭ ياساشقا، شاخلىرى قەپەس ياساشقا، ياپراقلىرى سېۋەت ياساشقا، پاخاللىرى ئارغامچا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، مېۋىسىنى ئىنسانلار يېسە، ئۇرۇقى ھايۋانلارغا ھەلەپ قىلىپ بېرىلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە تەرەپتىن پايدىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلى ھەققانىيلىقىنى ئويلايدۇ، تىلى راست ۋە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ، غەيۋەت قىلمايدۇ، گەپ توشۇمايدۇ، تۆھمەت چاپلىمايدۇ. شۇڭا ھەركىم مۆمىن ئادەمدىن ياخشىلىق كۈتىدۇ، ئۇنىڭدىن يامانلىق كەلمىگەچكە ئۇنىڭغا ھەركىم ئىشىنىدۇ ۋە خاتىرجەم بولىدۇ.
  6. خورما دەرىخىنىڭ مېۋىسى يىل بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يىل بويى بازارغا كىرىدۇ. خورما غورا ھالىتىدىمۇ، پىشقان ھالىتىدىمۇ، قۇرۇغان ھالىتىدىمۇ يېيىلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە توختاپ قالماي ئۈزلۈكسىز پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، سىلە-رەھىم قىلىپ يوقلايدۇ.
  7. خورما دەرىخىگە چالما ئاتسىڭىز مېۋە تاشلاپ بېرىدۇ، مۆمىن ئادەممۇ يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن قايتۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا ئەڭ ئېسىل ئۈلگىدۇر. ئۇ ئۆزىگە بەرمىگەنلەرگە بەرگەن، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلغان، ئۆزىنى يوقلىمىغانلارنى يوقلىغان، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋەتكەن.
  8. خورما دەرىخى يىل بويى ياپراقلىق ھالەتتە ياپ-يېشىل تون كىيگەن بولىدۇ. مۆمىنمۇ گۈزەل ئەخلاق، تەقۋالىق ۋە ئالىيجانابلىق تونىنى ئۆمۈر بويى سالمايدۇ.
  9. خورما دەرىخىنىڭ سايىسى يېنىك بولۇپ، ئەتراپتىكى زىرائەتلەر ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، زىيان يەتكۈزمەيدۇ. مۆمىن ئادەممۇ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا، دوست-بۇرادەرلىرىگە، خىزمەتداشلىرىغا ئېغىرچىلىق سالمايدۇ، زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

دېمەك، مۆمىن ئادەم خۇددى خورما دەرىخىگە ۋە مېۋىسىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا ھەمىشە پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت