غۇلجا قانلىق ماي ۋەقەسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى

بۇنىڭدىن 50 يىل مۇقەددەم، يەنى 1962-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە-ماي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئىختىياتىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.03.19

سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ھەم مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان پىلان-ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە غۇلجا شەھىرىدە تىنچ ئاھالىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ ۋاقەنىڭ بەزى سىرلىرى مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارنى ئويلاندۇرماقتا ھەم ئۇلاردا قاتتىق نەپرەت ئويغاتماقتا. ئىككى كوممۇنىستىك مەملىكەت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى بۇ ۋەھشىيلىك ھەم ساتقۇنلۇقنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەزكۇر پاجىيە قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخىي ئىلىمىدا ھەم ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئاز ئۈگىنىلگەن ھەم ئەكس ئېتىلگەن ۋاقەلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىنكى دەۋردە تەسۋىرلەش ئوبيېكتى بولغان غۇلجا قانلىق ۋاقەسىگە دەسلەپكى قېتىم مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى يەھىيا تايىروفنىڭ مۇراجىئەت قىلغانلىقى مەلۇمدۇر. ئەينە شۇ قانلىق ۋاقەنىڭ شاھىتى بولغان ئەدىب ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى يورۇققا چىققان «كۆيۈۋاتقان يول» ناملىق رومانىدا زاھىر تارىخچى ھەم ئۇنىڭ ئوغلى ئېلىيار ئوبرازلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت ئىشتىراكچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى، ماي ۋەقەسىنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.