ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى "قوش تىللىق مائارىپ" قارشى ئېلىنىدۇ


2007.03.27

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ۋە ئۆزى قىزىقىۋاتقان تېمىلار ئۈستىدە ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياخشى پۇرسەت. يېقىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتالغان سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەرباب ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويىلىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" دېگەن سىياسەتنى نورمال ھالەتتىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان مائارىپ سىياسىتى، دەپ ھېس قىلغان. ئاۋاز

ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا شارائىت يوق

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىرقى "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان بۇ ئەرباب ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھازىرقى تىل مۇھىتىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلىدى. بۇ ئەرباب مەكتەپلەردە يىغىن ئېچىلسا، 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە خىتاي بولسىلا، ئۇ يىغىن ئۇيغۇرچە ئەمەس، خىتايچە ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئاپتونوم رايون رەئىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا يىغىن ئاچسا خىتايچە سۆزلەيدىغانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەر ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىمۇ، خىتاي تىلىنىمۇ ھەر ئىككىسىنى چالا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "قوش تىللىق" دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان شارائىت يوق قىلىنغانلىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

لېكىن ئۇيغۇر تىلى ھەرگىز يوقالمايدۇ

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىرقى "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان بۇ ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرقىدەك ئەھۋال داۋام قىلىۋەرسە، كەلگۈسىدە خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان كىشىلەر پەيدا بولغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان كىشىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇر تىلى ھەرگىز يوقالمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردا بولغانلىقى بۇ بىر مۇھىم ئامىل.

"ئۆز ئانا تىلىڭىزدا سۆزلەڭ"

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىرقى "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان بۇ ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، جەمئىيەتتە ھازىر كىشىلەر خوش بولىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ ئەرباب بايانىدا، بەزى شىركەتلەردە "ئۆز ئانا تىلىڭىزدا سۆزلەڭ" دەپ يېزىلغان تاختىلار ئېسىپ قويۇلغانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشنى، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەكىتلەيدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ قالغانلىقىغا ناھايىتى خوش بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يېقىندا، قازاقستان ۋەكىللىرى كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكىگىمۇ سۈيىنىپ كەتكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.