رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت

ئىسلام دىنىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى. روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى 5 ئاساسىي پەرز ئىبادەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.08.09
Istanbulda-iftar-ziyapiti-305.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 28-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇلۇغ بىر ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار 30 كۈن روزا تۇتۇش بىلەن ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى يېتىپ كەلدى. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى ئەھمىيەتلىك كۈنلەر بولۇپ، بۇ كۈنلەردە كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش، ئىتكىكاپتا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىش، كۆپ قۇرئان ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار مەنىۋى دۇنياسىنى تازىلاپ ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈپ، گۇناھ-مەئىسيەتتىن يىراق بولۇشقا تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 28-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانداق بىر ئاي؟ مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا قانداق ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ؟ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنىڭ باشقا كۈنلەردىن قانداق ئوخشاشماسلىق پەرقى بار؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي ئالىمى مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۆمىنجان ئەپەندى رامىزان ئېيىنىڭ مۇبارەك بىر ئاي ئىكەنلىكىنى، بۇ ئايدا قۇرئان كەرىم نازىل بولغانلىقىنى، دۇنيانىڭ يارىتىلىشىمۇ مۇشۇ ئايدا بولغانلىقىنى، بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى پاكلايدىغان بىر ئاي ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇبارەك ئايدا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھقا يېقىنچىلىق قىلىش، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئارزۇ تىلەكلىرىنى تىلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۆمىنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنىڭ بىر كېچىسىدە «قەدىر كېچىسى» دېگەن ئەھمىيەتلىك بىر كېچىنىڭ بارلىقىنى، بۇ كېچىدە ئىبادەت قىلغان كىشى 1000 ئاي يەنى 84 يىل ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمىدە ئوچۇق ئايەت بايان قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كۈنلەردە كېچىلىرىنى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق قەدىر كېچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئاللاتائالا قۇرئان كەرىمىدە قەدىر كېچىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) 1000 ئايدىن ئارتۇقتۇر». مىڭ ئاي يىل ھېسابىدا 83 يىل ۋە 4 ئايغا توغرا كېلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئىمان بىلەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

مۆمىنجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇشۇ ئايدا تېخىمۇ كۆپ دۇئا قىلىپ زۇلۇمدىن، ئېزىلىشتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئاللاھغا دۇئا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى مەزلۇملارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.