روزىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەت

مەلۇمكى، رامزان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ھۆرمىتى بولغان ئۇلۇغ ئاي. بۇ ئايدا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە پەزلى-كەرەملىرى يېغىپ تۇرىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-08-02
Share
abdulhekimxan-mexsum-sozde-305.jpg 4-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

شۇڭا مۇسۇلمانلار رامزان ئېيىدا ئىبادەتلەرنى ۋە خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىدۇ.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

رامزاننىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ ئايدا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ئالىم ۋە پېشقەدەم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم مۇنداق دېدى: «رامزان ئېيىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار قەدىرلىگەندەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئۇزۇن يىللىق تارىختىن بىرى قەدىرلەپ روزا تۇتۇپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ ئۇلۇغ ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ، بۇ ئاينىڭ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ كېچىلىرى قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق ساۋاب تاپىدۇ. بۇ ئايدا يەنە دۇئا ئىجابەت بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەرشارىدىن يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچراپ قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ خەلققە ياردەم قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بۇرچىدۇر. ھېچ ئىش قىلالمىغانلار ئۇلۇغ رامزاندىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ باش تارتالمايدىغان بۇرچى دەپ بىلىمەن.»

يۇقىرىقى ئۇلىنىش ئارقىلىق بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت