سىرلىق پەرەنجىلىك ئايال-سەرگەردان خانىش-ئامىنە ئوسمان كىم؟

ئامىنە ئوسمان يەنى سۇزىكى سۇمىكونىڭ ئەينى چاغدا ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ياپونىيە ئىشپىيونلۇق ئورگىنىغا يەتكۈزۈش ۋە ئېرى ئوسمانغا ماسلىشىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012-10-04
Share

1949-يىلى چۇڭچىڭ شەھىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن، شىنەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن يۇرتى قەشقەردىن دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ئامىنە ئوسمان ئىسىملىك بىر ئايال قولغا ئېلىنىدۇ ۋە خەلقئارالىق ئىشپىيون، ئەكسىلئىنقىلابچى، جاھانگىرنىڭ قولچومىقى دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەمما، تۈرمىدىكى ئۆزگىرىش ئىپادىسى ياخشى، دەپ قارىلىپ، 1955-يىلى باھاردا ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنىپ، تۈرمىدىن قويۇۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئايال نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايال كىم؟

1959-يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا «پەرەنجىلىك ئايال-سەرگەردان خانىش» نامىدا 235 بەتلىك بىر كىتاب نەشر قىلىنىدۇ. كىتابنى ياپونىيىلىك ئايال سۇزىكى سۇمىكو يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ۋە ئامىنە ئوسمان نامىدىكى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ.

ئامىنە ئوسمان نامىدىكى ياپونىيىلىك ئايالنىڭ ئەسلى ئىسمى سۇزىكى سۇمىكو بولۇپ، توكيو قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىغا پۇختا بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ياپونىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا قاراشلىق ئىشپىيونلۇق ئورگىنى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. كېيىن خىتايغا ئەۋەتىلىپ، خىتايدا ئۇزۇن يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. 1941-يىلى ياپونىيە تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇيغۇر يىگىتى ئوسمان بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تويى نەنجىڭدىكى ئۆيىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۇزىكى سۇمىكو ئىسمىنى رەسمىي تۈردە ئامىنەگە ئۆزگەرتىدۇ. كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ئوسمان خوجا نىياز ھاجىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش ئارمىيىسىدىكىلەردىن بىرى بولۇپ، خوجا نىيازھاجى قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە قېچىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردىن تۈركىيىگە بېرىپ ئىستانبۇلدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن نەنجىڭغا كېلىپ جاڭ جېشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى بولغان. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ياپونىيىگە كەتكەن. ئۇ تويى بولۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى توكيودىن نەنجىڭغا قايتا قايتىپ كەلگەن. كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا ئوسمان ئۇيغۇر يىگىتى دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ زادى كىم، ئوسمان ئۆزىنىڭ راست ئىسمىمۇ ياكى يالغان ئىسمىمۇ ؟ ئۇ تارىختىكى قايسى شەخس، بۇ ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ھەتتا ئۇيغۇرلار يازغان تارىخىي ماقالىلەردىمۇ بۇ ھەققىدە بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز.

سۇزىكى سۇمىكونىڭ بۇ چاغدىكى ۋەزىپىسى ئىچكىرىدە ۋە تاشقى دۇنيادا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ياپونىيە ئىشپىيونلۇق ئورگىنىغا يەتكۈزۈش ۋە ئېرى ئوسمانغا ماسلىشىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى. بۇ چاغدا ئۇلار بېيجىڭدىكى، ئەينى چاغدا چەنلۇڭخان قۇمۇل-تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئاتاپ سالدۇرۇلغان «قۇمۇل قەسرى» دە تۇراتتى. 1945-يىلى ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ ئىككىنچىسى، ئوغلىنىڭ چوڭى مۇستاپا تۇغۇلىدۇ. بىرىنچى بالىسى قىز بولۇپ، ئىسمى ئائىشە ئىدى. پاتەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال ئۇلارغا سۈت ئانىسى بولغان ئىدى.

1945-يىلى ئامېرىكا باشچىلىق غەرب ئەللىرى گىتلېر گېرمانىيىسىگە ۋە ياپونىيە خانلىق ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشلاردا غەلىبىگە ئېرىشىپ، خىتاي ئىچىدىكى گومىنداڭ ئامېرىكىنىڭ، كوممۇنىستلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى. دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە ھەربىي تەرەپ ئوسمانغا قورال-ياراق، ئوق-دورا بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. ئوسمان ئىچكىرىدە ئادەم توپلاپ، مەشىق ئېلىپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇل ئارقىلىق قۇمۇلغا بېسىپ كىرمەكچى بولىدۇ.بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

1947-يىلى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، غۇلجىغا كەتكەندىن كېيىن ئۆلكىگە مەسۇت سەبىرى رەئىس بولۇپ، سايلىنىدۇ. ئوسمان مەسئۇدنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ 5 ئادىمى بىلەن بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كېلىدۇ. ئوسمان ئۈرۈمچىدە ساقچىخانىدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق ياپونىيىلىك ئايالى سۇزىكى سۇمىكوغا قەشقەرلىك، ئامىنە ئوسمان دېگەن نامدا كىملىك ياسىتىدۇ. سۇزىكى سۇمىكو شۇ يىلى-6ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىش سەپىرىدە لەنجۇدا گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىدۇ. سوراق جەريانىدا قورسىقىدىكى بالىسى مۇددەتتىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوسمان ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا يىتىپ كېلىدۇ ۋە بالىسىغا مۇنەۋۋەر دەپ ئات قويىدۇ. گەرچە ئوسمان گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ لەنجۇدىكى باش قوماندانى شۇ شيۇڭفىي بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما گومىنداڭنىڭ ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۆزلىرىگە ئىشلەپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئامالسىز قالغان سۇزىكى سۇمىكو ئىسمىنى ليۇ يىجىنغا ئۆزگەرتىپ، گومىنداڭ ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ لەنجۇ تارمىقىغا ئىشقا چۈشىدۇ. 1949-يىلى 8-ئايدا لەنجۇ ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن ياپونىيە ئۈچۈن ئىشلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ چۇڭچىڭغا ئەۋەتىلىدۇ. چۇڭچىڭ كوممۇنىستلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1955-يىلى باھاردا ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا خەلقئارا قىزىل كىرست جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنى ياپونىيىگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ياپونىيىگە قايتىش ئالدىدا قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ سۈت ئانىسى پاتەم بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىنى ھاۋالە قىلىدۇ. 1957-يىلى 12-ئايدا سۇزىكى سۇمىكو خىتايغا كېلىپ كۆرۈشمىگىلى 8 يىل بولغان بالىلىرى ئائىشە، مۇزەپپەر ۋە مۇنەۋۋەرلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. 1958-يىلى 3-ئايدا 3 بالىسى بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ پاتەمگە قالدۇرۇپ قويۇپ، خىتايدىن ئايرىلىدۇ.

كىتاب ھەققىدە تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردا ئوسمان ۋە ئۇنىڭ 3 بالىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر قالدۇرۇلمىغان. ئۇلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يەنىلا ياپونچە نەشر قىلىنغان «پەرەنجىلىك ئايال-سەرگەردان خانىش» دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت