ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-20
2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل توپكاپى قەبرىستانلىقىدىكى مەقبەرىسى زىيارەت قىلىندى ۋە مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە پىكىر، قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
2010-10-11
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خىتاي بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى " تەسىس قىلىپ، ھازىرغا قەدەر 36 مىڭ ئوقوغۇچىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
2010-10-04
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا تەرەققىيات تېزلىشىپ، خەلقنىڭ باي بولۇشقا ۋە رايوندىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئەمما رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا، بۇ يىل مال باھاسى ئۆرلەپ، تۇرمۇشنىڭ بارغانچە قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-09-16
ئانا ۋەتىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ئوخشىمىغان كەچمىشلەرگە تولغان. ئەمما بۇ ئوخشىمىغان كەچمىشلەردىن ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىك، روھى ۋە سىياسىي بېسىمدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر تېمىنى تاپقىلى بولىدۇ.
2010-09-08
رادىئومىزدا ئىلگىرى "ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن " تېمىسىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر ساھەلەردە كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەيلى قايسى جايدا ياشىسۇن، ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قويۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش ھەققىدىكى قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
2010-08-26
قەيسەرى ۋىلايىتى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولغان بىردىن - بىر شەھەر. 1960 - يىللاردا بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان 200 ئائىلە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.
2010-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-08-18
بېيجىڭدىكى ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەكنى تۇتۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن، ئاقسۇدىن بېيجىڭغا يولغا چىققان ئىككى گۇرۇپپا كىشى ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. بۇلار بۈگۈن بېيجىڭدا ئەرزدارلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان جايغا بېرىپ، ئابدۇرېھىم موللەك ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەكنى يۇرتىغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان. ئابدۇرېھىم ئاكا ئۇلارنىڭ قايتۇرۇپ ئەكىتىش تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان.
2010-08-17
1980- يىلىدىن كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ باي بولغان كىشىلەردىن بىرى مەمەت ئەيسا ئارتۇشىدۇر. ئۇنىڭ ھازىر "يىپەك يولى توقۇمىچىلىق شىركىتى" نامىدا بىر شىركىتى ۋە زاۋۇتى بار.
2010-08-17
ئەخمەت مۇسلىم ئاكا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ دەۋرىمىزگىچە ياشاپ كەلگەن ئاز ساندىكى ئوفىتسېرلىرىنىڭ بىرىدۇر. 1940 - يىللىرى غۇلجا ۋە ئالتاينى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئەخمەت ئاكا، ئىنقىلابتىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، قىرغىزىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى.
2010-08-16
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە ھازىرقى ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ھەققىدە توختالدى.
2010-08-13
تۈركىيىدە 17 يىلدىن بېرى ئۈزۈلمەي نەشر قىلىنىۋاتقان كۆكبايراق ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانى خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئاتاپ نەشر قىلىندى.
2010-08-12
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى قىرغىزىستانغا كېلىپ، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
2010-08-06
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق شەرقى قوۋۇق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلمىرە ئىمىن، خىتاي سوتى تەرىپىدىن " قانۇنسىز نامايىش تەشكىللىگەن" دەپ ئەيىبلىنىپ، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
2010-04-13
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېتىپ تۇرۇپ شتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئەركىن ئىمىنوف 56 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال ئالدى.