تۇنىسنىڭ غەلىبىسى ۋە مىسىرنىڭ ئەندىشىسى

تۇنىستىن باشلانغان ئەرەب باھارى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلەردە ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىستىبدات تۈزۈمىدىن دېموكراتىك تۈزۈمگە قانداق كۆچۈشنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بەرگەن بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011-12-21
Share
tunis-namayish-305.jpg تۇنىستا نامايىشچىلار لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 21-فېۋرال.
AFP

تۇنىس خەلقى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ ئاز قان تۆكۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئۆرۈپ تاشلاشتا غەلىبە قىلدى. ئەمما باشقا ئەرەب دوستلىرى بۇ مەسىلىدە بۇنداق تەلەيلىك بولالمىدى.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى21-دېكابىر سانىدا، مىسىرلىق يازغۇچى ئىمادۇددىن ئەدىب دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «تۇنىسنىڭ غەلىبىسى ۋە مىسىرنىڭ ئەندىشىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «نېمە ئۈچۈن تۇنىسلىقلارنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈش تەجرىبىسى مىسىرلىقلارنىڭكىگە نىسبەتەن ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشتى؟ نېمە ئۈچۈن تۇنىستا مىسىردىكىدىن ئاز قان تۆكۈلدى؟ تارىخ بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق. بىر دۆلەتتە چىققان ئىنقىلاب ياكى بىرەر سىياسىي ھەرىكەتنى باشقا بىر دۆلەتتە ئوخشاش دەرىجىدە تەتبىق قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا كۆپلىگەن ئامىللار توسالغۇ بولىدۇ. ئەمما، تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن: ھەر ئىككى دۆلەتتە ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەتتە ئولتۇرۇۋېلىپ، دېموكراتىيىگە يول بەرمىگەن ھاكىم مۇتلەقلەرنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاندى. ھەر ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى پىرسەنتى21 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكى ۋە كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن باقىدىغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلاردىكى سىياسىي ئاڭ ۋە ئويغىنىش دەرىجىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش.»

تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ئىخچاملىغاندا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: تۇنىستىكى نامايىشقا جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدىن ئادەملەر قانتاشتى. ئەمما مىسىردا نامايىشقا قاتناشمىغان جامائەتلەرمۇ بار. تۇنىستا نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى باشلىنىش يەنە غەلىبىلىك بولدى. ئەمما مىسىردا نامايىش غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، يېڭى باشلىنىش يەنە قان تۆكۈلۈشلەر بىلەن بولماقتا. تۇنىستىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خەلق تەرەپتىن بولدى. ئەمما مىسىردا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەسكەرنىڭ قولىدا بولدى. تۇنىس ساقچىلىرى خەلق تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئەمما مىسىردا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. تۇنىسلىق سىياسەتچىلەر كرىزىستىن چىقىش ئۈچۈن باشقا سىياسىي گۇرۇھلار بىلەن كېلىشىش ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىشنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ كەلدى. ئەمما مىسىردا سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگى-جىدەللەر داۋام قىلماقتا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت