ئۇيغۇر دېھقانلىرى: 'كۆچمەنلەر كۆپەيدى، باھا ئۆرلىدى، كەلگۈلۈك يەنىلا دېھقانغا كەلدى'

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا تەرەققىيات تېزلىشىپ، خەلقنىڭ باي بولۇشقا ۋە رايوندىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئەمما رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا، بۇ يىل مال باھاسى ئۆرلەپ، تۇرمۇشنىڭ بارغانچە قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى"شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا  19 ئۆلكە مەبلەغ سېلىپ، "رايوندا ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا، 19 ئۆلكىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، رايوندا ئىقتىساد يۈكسىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدا بولۇپمۇ دېھقانلار تۇرمۇشىدا يۈكسىلىش بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلدى.

ھالبۇكى، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىشىشى نەتىجىسىدە، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرى بۇ شىركەتلەر تەرىپىدىن مەجبۇرى سېتىۋېلىنىپ، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن كۆچمەن خىتاي نوپۇسلىرىنىڭ كۆپىيىشى ھەم بۇلتۇر قىش بۇ يىل ئەتىيازدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن رايوندا يېمەك - ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن. رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرى يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، يەرلىك ئۇيغۇرلار يەنىلا ئىشسىزلىق، نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلالمىغان.

بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي  شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئادەم كۆپىيىپ، يەر قىسىلىشىپ، مال باھاسىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت  بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، بۇلتۇردىن بۇيان ئۆرلەپ كېتىۋاتقان مال باھاسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان رايوندا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى، يامغۇر ئاپىتى قاتارلىقلاردىن باشقا رايونغا   يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ھەم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى  ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان  ئۇيغۇرلار، 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى يەر ئاستى كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر قاتارلىقلارنى زىيادە ئېچىشى ھەم ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشى نەتىجىسىدە، رايوندا  دېھقان چارۋىچىلار ئۆز زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەر ھەم يايلاقلار ۋەيران قىلىنغاندىن باشقا، كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ  30 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، 19 ئۆلكە رايونغا يەرلەشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ رايونغا قاراتقان باج سىياسىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللانغىنى ئۈچۈن،  2010 - يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق بېجى 99.1% ئۆسكەنلىكىنى، بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق بېجى بىر مىليارد 600 مىليونغا يېتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇ باج تاپاۋىتىنىڭ بىر قىسمىنى پېنسىيىگە چىققان كادىرلار ھەم ھەرقايسى ئىدارە جەمئىيەتلەردىكى خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ياردەم پۇلى قىلىپ  ئاجرىتىشنى قارار قىلغانلىقى يېزىلغان.  

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يېزا خىزمەتچىسى ھازىر دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ،  60 ياشتىن ئاشقان دېھقانلارغا ئېيىغا 60 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقان بولسا، مال باھاسى زىيادە ئۆرلەپ كەتكىنى ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشتا بارغانچە قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ياشانغانلارغا بېرىلىدىغان 60 يۈەن پۇلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق دەپ قارالغان ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگىلا ياردەم پۇلى قوشۇپ بەرگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ بولسا بۇ خىل ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئالغان تەدبىرلىرىگە دۇنيا جامائەتچىلىكى يېقىندىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت