سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ۋەقىپلەرنى رەتكە سېلىش قارارى ئېلىندى

مەلۇمكى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە، مەدىنە، جىددە ۋە باشقىمۇ رايونلىرىدا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ۋەقىپلەر ناھايىتى كۆپ تېپىلىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-05-13
Share

جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقىپلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۆتمۈشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قول ئىلىكىدە بارلىرى كېيىنكىلەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتىن، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن ۋەقىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ھەج، ئۆمرىگە بارىدىغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئاتىغان ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 10-ماي سانىدا «سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتى ۋەقىپلەرنى رەتكە سېلىش ۋە باشقۇرۇش توغرىلىق مەخسۇس قارار ئالدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتى 31-قېتىملىق چوڭ يىغىلىشىدا ۋەقىپلەرنى رەتكە سېلىش ۋە ئۇلارنىڭ كىرىم ۋە چىقىملىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش ھەققىدە مۇھىم قارارلارنى ئالدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ۋەقىپلەرنىڭ ھازىرغىچە، يىللاردىن بىرى مەسئۇللىرى تەرىپىدىنلا ئىدارە قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشتى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يەنە ۋەقىپلەرنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلسا، كۆپ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى، ۋەقىپلەرنى بۇ ۋەقىپلەرنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ قويغان شەرتلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانى بويىچە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.»

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ۋەقىپلىرى

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيىلىرىنىڭ نامىدا ۋەقىپ قىلىنغان بىنالار كۆپتۇر. ۋەقىپ بىنالىرى بۇ جايدا «رىبات»دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى ۋەقىپ بىنالىرى «قەشقەر رىبات»، «كۇچا رىبات»، «ئاتۇش رىبات»، «خوتەن رىبات»، «قاغىلىق رىبات»، «شاھيار رىبات»، «ئۇجات رىبات»، «ئاقسۇ رىبات» ۋە «كېرىيە رىبات» دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇردۇر. ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سېخىيلىقى، مەرتلىكى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىشتەك مەسئۇلىيەتپەرۋەرلىكى تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ رىباتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر يېتىپ ‏- قوپۇش ئورنىغا ئايلانغان. بۇ رىباتلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھاجىلار ياتىدىغان جاينىڭ غېمىنى قىلمايدىغان بولغان.

ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ئالدىغا ھەج، ئۆمرىگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتكەنلىكى، ئانا ۋەتەندە تەشكىللەنگەن مەخسۇس ئۆمەك بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئۆمەك تەرەپتىن تەييارلانغان مېھمانخانىلارغا چۈشكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەقپىلىرىدىن پايدىلانمايۋاتماقتا. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ۋەقىپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقا مىللەتلەرگە كىراغا قويۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت