ياپونىيە يازغۇچىسى مورى ئىشى ۋە ئىسومۇرۇ: خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە كىتاب يازدى

9-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە كوزايدوشۇ شۇبان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مورى ئىشى ۋە قاتارلىقلار ئاپتورلۇقىدىكى «خىتايدىكى ئەمەلدارلار تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىكى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرغۇچى شى جىنپىڭ خىتاي دۆلىتىگە رەئىس بولىدۇ دېگەن تېمىدا مەخسۇس توختالغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاپتور مورى ئىشى ۋە ئىسومۇرۇنىڭ 5-ئىيۇل قانلىق باستۇرۇشنى نەقىل ئالغان سۈرىتى.
ئاپتور مورى ئىشى ۋە ئىسومۇرۇنىڭ 5-ئىيۇل قانلىق باستۇرۇشنى نەقىل ئالغان سۈرىتى.
RFA/Qutluq Haji

ئاپتورلار ماقالىسىنى مۇنداق بايان قىلغان:
‏«خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلاندى. ئۇ مەكتەپتە سولچىلارغا مايىل ئىدى. ھەر كۈنلۈكى ئوڭچىلار بىلەن سولچىلار ئارىسىدىكى ماجىرالار، بىر-بىرىنى ئەيىبلەشلەردە خۇ جىنتاۋ يېقىملىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىنقىلاب جەرياندا خۇددى مۈشۈكتەك ياۋاشلاپ كەتتى ۋە سىياسىيدىن قول ئۈزدى. ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىغا خىزمەتكە بۆلۈندى. بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىغا سېكرېتار بولدى. ئۇ كۆپلىگەن ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ،ئاخىرى 1988-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا سېكرېتارلىققا تەيىنلەندى. ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئاپتونوم رايون دەپ ئاتىلىدىغان رايونلاردا قۇرۇق ئاپتونوم رايون دېگەن نامدىن باشقا ھېچقانداق ئاپتونوم رايونىغا خاس قانۇن يوق ئىدى. بۇ رايونلاردا ئاساسەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈم سۈرەتتى.

خۇ جىنتاۋنىڭ تىبەتتە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئۆزى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلاردىن بولۇشىنىڭ بېشارىتى ۋە بىرىنچى قەدىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تىرىشىپ ئىشلىدى. ئۇ ئاپتونوم رايون دېگەننى قانداق ئاياق ئاستى قىلىش، يەرلىك خەلقلەرنى قانداق باستۇرۇش، باش كۆتۈرۈپ چىققان تىبەتلىكلەرنى قانداق ئۇجۇقتۇرۇش، نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، ئوچۇق سوت ئېچىپ كوللېكتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، تىبەتلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىش، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش، ‹ياۋايىلار› نى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

1989-يىلى پەنچەن لاما ۋاپات بولدى. ئۇنى تىبەتلىكلەر تا ھازىرغىچە خۇ جىنتاۋنىڭ سۇيىقەستى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى دەپ قارايدۇ. چۈنكى پەنچەن لاما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەتنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى ھەمىشە تەنقىدلەپ قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ پەنچەن لامانى ئۆلتۈرگۈزدى. تىبەتلىكلەر تىنچلىقپەرۋەر مىللەت بولۇپ، ئۇلار نامايىشلىرىدىمۇ بۇددا ئەقىدىلىرىگە بويسۇنغان ھالدا نامايىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ نامايىشى تىنچلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، خۇ جىنتاۋ ئەسكىرى كۈچ بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇ ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك باستۇرۇشلار دەل خىتايدا تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتلار ئىدى. بۇ چاغدا ئۇ تىبەتتە 4-ئىيۇن ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ۋەقە چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆپلىگەن ئەسكەرلەرنى تىبەتكە يۆتكىدى. خۇ جىنتاۋ مۇشۇ تەرىقىدە قانلىق قولى بىلەن كومپارتىيىنىڭ ئەمەلدارلىق پەلەمپىيىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ، رەئىس بولدى.

خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى ئوخشاشلا ئاپتونوم رايون دەپ ئىسمى بار، جىسمى يوق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ باردى. يەنى ئۇيغۇرلارنى ساقچى، قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەربىي قىسىملارغا تايىنىپ، قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. يەرلىك خەلقلەرنى قورال ئارقىلىق باستۇرۇش سىياسىتى، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىتى ئىدى. مانا ئەمدى تىبەتلىكلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئىچكەن بۇ قانخور، ئۆزىگە ئوخشاش قانخورلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنى شى جىنپىڭغا تاپشۇردى. قانخورلۇق ئىمتىھانى شى جىنپىڭدىن دەل 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئارقىلىق ئېلىندى. شى جىنپىڭ ئۆزىگە كەلگەن بۇ ئىمتىھاندا تارتىنماستىنلا ئارمىيە، ساقچى، قوراللىق قىسىملارغا تايىنىپ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇردى. بۇ قېتىمقى شى جىنپىڭنىڭ باستۇرۇشىدا مىڭلىغان نامايىشچى ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى ۋە كۆپلىگەن ياش قىز-يىگىتلەر قولغا ئېلىندى. شى جىنپىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 2010-يىلى خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. مانا بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتايغا رەئىس بولۇشىنىڭ بېشارىتى ئىدى. ئىلگىرى تىبەتلىكلەرنىڭ قېنىنى ئىچكەن خۇ جىنتاۋ خىتاي دۆلىتىگە رەئىس بولغان بولسا، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئىچكەن شى جىنپىڭ رەئىس بولىدىغان بولدى.»

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت