يۈسۈپ قەرداۋى: خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى

خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئالىم يۈسۈپ ئەل قەرداۋى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇ يىلقى ھەجدە ئۇلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشقا چاقىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-10-16
Share

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا، «قەرداۋىنىڭ چاقىرىقى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى قاتار دۆلىتىنىڭ پايتەختى دوھا شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتتە 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئوقۇغان جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋەزىيىتىگە تۇتقان مەۋقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ ئېلان قىلدى شۇنداقلا بۇ يىلقى ھەجدە ئۇلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى مۇسۇلمانلارغا تەۋسىيە قىلدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلار يالغۇز ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتايلار، رۇسلار ۋە ئىرانلىقلارمۇ بىرگە ئۇرۇشماقتا. ئۇلار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئادەم ۋە قورال كۈچى بىلەن ياردەم قىلماقتا. سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايلار، رۇسلار ۋە ئىرانلىقلار بىرلىكتە ئۆلتۈرۈۋاتماقتا. ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پارس ئىمپېراتورلۇقىنى تىكلەش ئۈچۈن ئەرەبلەرگە دۈشمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئىراننىڭ شاھى خەلقىنى ئۆلتۈرمىگەن ۋە تەختنى بوشىتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ھازىرقى ھاكىمىيەت ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرگەننىڭ سىرتىدا، سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئۆلتۈرمەكتە. ئۇلار ھىزبۇللاچىلارنىڭ قولى بىلەنمۇ نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ئىران ھاكىمىيىتى دىنغا خىيانەت قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ئېقىتقان گۇناھكارلاردۇر. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ ۋە ھەممىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.