يەتتىسۇدىكى كازاكلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت ئۇيغۇرلارغىمۇ كەلگەن

كازاكلار ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان ئاھالە بولۇپ، ئۇلار دەسلەپتە شەرقىي ياۋروپانىڭ جەنۇبىي دالالىرىنى، شۇ جۈملىدىن ئوكرائىنا ۋە رۇسىيىنى، كېيىنرەك بولسا ئوتتۇرا ۋە تۆۋەنكى پوۋولژىيې، ئورال ئالدى، ھازىرقى قازاقىستان، سىبىر ۋە يىراق شەرق رايونلىرىنى ماكان ئەتكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.09.20

ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئەركىن ئادەملەر»، «ئەركىن جەڭچىلەر» سۈپىتىدە ھېسابلاپ، كۆپىنچە رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىدە، بولۇپمۇ ئاتلىق ئەسكەر قىسىملىرىدا خىزمەت قىلغان. رۇس پادىشاھى ئۇلاردىن دائىم سادىقلىقنى ھەم ئۈزلۈكسىز ھەربىي خىزمەتنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كازاكلار بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىغا قارشى دەپ بىلىپ، كۆپلىگەن قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرگەن.

كازاكلار 1917-يىلقى ئۆكتەبىر دۆلەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىنمۇ ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەن سوۋېت دائىرىلىرىگە قارشى بىر نەچچە قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭلار كۆتۈرگەن، ئامما قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى بۇنى رەھىمسىز باستۇرۇپ، ئۇلار ياشاۋاتقان جايلاردا قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ئىدى.

يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان يەتتىسۇدىكى كازاكلار ئۇچرىغان قىرغىنچىلىق قانداق بولغان ئىدى» ناملىق ماقالىدە يەتتىسۇدىكى كازاكلارنىڭ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەقىبلىنىشى ھەققىدە ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا، دەسلەپكى قىرغىنچىلىقتا، يەنى گراژدانلار ئۇرۇشى ۋاقتىدا، تۆت مىليون ئاھالىدىن ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كازاك جىسمانىي يوقىتىلغان، مىڭلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، چەت ئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى قىرغىنچىلىق دەۋرىدە، يەنى 1929-ۋە 1933-يىللاردىكى سوۋېت كوللېكتىپلاشتۇرۇش مەزگىلىدە يېزا ئاھالىسى ئىچىدىن بولۇپمۇ كازاك مەھەللىلىرى كۆپرەك زەرداب چەككەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆكتەبىر دۆلەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەتتىسۇدىكى ھاكىمىيەتنى كازاكلار ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۆلكىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا قارشى تۇرغان، ئەمما 1918-يىلنىڭ مارت ئېيىدا بولشېۋىك ھاكىمىيىتى تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان يەتتىسۇ كازاك 2-پولكى سوۋېتنىڭ ساختا ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ بۇ ئۆلكىدە ھۆكۈمەت بۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەم كوممۇنىست دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بېشىغا كېلىشىگە مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرغان. ئىلگىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلارغا ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان يېڭى ھۆكۈمەت كازاكلارغا نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. 1917-يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئوزۇق-تۈلۈك كرىزىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتىسۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى، بىرىنچى نۆۋەتتە، يەرلىك كازاكلار ھېسابىغا ھەل قىلماقچى بولدى، لېكىن كازاك ئاھالىسى بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولدى، ھەتتا بەزى جايلاردا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋج ئالدى.

كازاكلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاشكەنتتىن مۇرايېف رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ جازالىغۇچى ئەترىتى ئەۋەتىلىپ، بۇ ئەترەت قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، كازاك ئاھالە پونكىتلىرىدا بۇلاڭچىلىق، زورلۇق ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەم ئۇلارغا ئۆزلىرىنى «كازاك» دەپ ئاتاشنى مەنىي قىلغان، بۇنىڭغا كۆنمىگەنلەرنى، شۇنداقلا ئۆيلىرىدىن قورال تېپىلغانلارنى شۇ يەردىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. مۇرايېف ئەسىرگە چۈشكەن كازاكلارنى پىلېموت ئالدىدا تىزلاپ ئولتۇرغۇزۇپ، بىر نەچچە سائەت تۇتۇپ تۇرغان ھەم ئۇلارغا ئاھانەت قىلغان. نادېژدا ناملىق كازاكلار مەھەللىسىدە مۇرايېفچىلار بەزى ئەسىرلەرنى تىزلاپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن چاپقان ھەم بۇ جەرياندا ئەشەددىي رەھىمسىزلىكىنى نامايىش قىلغان، تىنچ ئاھالىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى-چۆرىلەر ھەم ئۇششاق بالىلارمۇ بار، سۇسىز ھەم نانسىز تۇتۇپ قىينىغان.

ماقالىدە كازاكلار بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«كۆپلىگەن كازاكلار ئۆز ئائىلىلىرىنى نېمە كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ، خىتايغا كېتىۋېتىپ ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتكەن. مۇرايېفچى قاراقچىلارنىڭ قولىدىن قازا بولغان كازاكلارنىڭ سانى ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇپ قالماقتا. بۇنى بىرلا ئىشەنچلىك مەلۇم پاكىت بويىچە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. كازاك مەھەللىلىرىدىكى مۇنداق زورلۇقنى مۇرايېف بۇلاڭچىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كازاكلارنىڭ ئاپرېل قوزغىلىڭىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆچ ئالغان. ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە جازالىغۇچىلار تەرىپىدىن يەتتە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. قۇربان بولغان كازاك ئاھالىسىنىڭ سانىنى بولسا ھېچكىم سانىمىغان.»

كازاكلارنى تەقىبلەش سىياسىتى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان. 1918-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ يەتتىسۇ كازاك قوشۇنلىرىنى يوقىتىش توغرىلىق قارارى بويىچە كازاكلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەم بۇلاش، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش، ئائىلىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كەڭ قانات يايدى. بۇ قېتىم قارشى چىققانلارنى بېسىشتا بولۇپمۇ مامونتوفنىڭ جازالىغۇچى ئەترىتى ئالاھىدە رەھىمسىزلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى.
1920-يىللىرى يەتتىسۇدا باشلانغان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاممىۋى ھەرىكەت دەۋرىدە بولشېۋىكلەر ھۆكۈمىتى كازاكلارنىڭ قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلاردىن ھەربىي قوشۇنلار تەييارلاپ چېرنيايېف، يەنى ھازىرقى چىمكەنت شەھىرىگە، ئاندىن ئۇ يەردىن پەرغانە ۋادىسىغا باسمىچىلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان.

1920-يىلنىڭ 4-مارتىدا تۈركىستان فرونتىنىڭ قوماندانى مىخايىل فرۇنزيېنىڭ «يەتتىسۇدىكى كازاكلارغا ۋە تارانچى خەلقىگە» ناملىق چاقىرىقى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلار قورالىنى تاشلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دېيىلگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا ئالدانغانلار كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا سوۋېتلار تەرىپىدىن قاتتىق جازالانغان ئىدى.

سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتىسۇدىكى كازاكلارغا ھەم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان 1918-يىلقى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقى تارىخنىڭ تېخى ئېچىلمىغان سەھىپىلىرىدىن بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتە تارىخچىلارنىڭ تەپسىلىي ۋە ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.