ئەنجان قانلىق ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى


2007.05.15

بۇ يىل 13 ‏- ماي كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن يەنى 2005‏- يىلى 13‏- ماي كۈنى ئەنجان شەھىرىدە ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە جەريانىدا ئاساسلىق قىسىمى رادىكال ئىسلام مىلىتانلىرىدىن تەشكىل تاپقان 187 كىشى ئۆلگەن. ئەمما ۋەقە شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەقە جەريانىدا كۆپىنچىسى ئاياللار، ياشانغان كىشىلەر ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

ۋەقەنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى

2005‏- يىلى 13‏- ماي كۈنى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە قانداق مەيدانغا كەلدى؟ بۇ ۋەقە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولدى؟

ۋەقە شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005‏-يىلى 13‏- ماي كۈنى ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىكە قارشى تىنچلىق بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان مىڭلىغان كىشىنى ئوققا تۇتۇپ، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

لېكىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە ئۆزبېكستاندىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، كۆپىنچىسى رادىكال ئىسلام مىلىتانلىرىدىن تەشكىل تاپقان 187 كىشى ئۆلگەن.

ۋەقەدىن كېيىنكى ئۆزبېكىستاننىڭ تۇتقان سىياسى يولى

سابىق ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇستەقىل مۇلاھىزىچى ئابدۇمەنناپ پولاتوف ئەنجان ۋەقەسىى جەريانىدا ھەم بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھەمدە رادىكال مىلىتانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەنجان ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە پولاتوف توختىلىپ ئۆتىدۇ.

ئەنجان ۋەقەسى ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈردى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزىنى سىياسىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيىگە يۈزلەندى. ئامېرىكىدىن، ئۆزبېكىستاننىڭ خانئاباد رايونىدىكى ھەربىي بازىسىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىقتسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي كېلىشىملەر ئىمزالىدى.

ئابدۇمەنناپ پولاتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستانغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆزبېكستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ھېچقانداق بىر ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلمىگەن، ھەتتا ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلاشقان.

گەرچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پولاتوف، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزبېكستاندىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئۆزبېكىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك دەيدۇ. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.