خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپى بولغان «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكا ئابۇنتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بېيجىڭغا يوللاپ، ئامېرىكا ئابۇنتلىرىغا ئائىت ھەممە شەخسىي ئۇچۇرلارنى داۋاملىق خىتايدا توپلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2022-06-23
كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھەيف ئەلمۇتەيرى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى كېرەك»، دېگەن.
2022-06-23
ئەرەب دۇنياسىغا خىتاب قىلىدىغان «يېڭى ئەرەب» ناملىق تور گېزىتىدە خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىگە «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە: خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
2022-06-23
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق غەيرى-رەسمىي قوراللىق ئارمىيەسى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆزىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي ھەيئەتلىرىنى بېكىتكەن.
2022-06-23
ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى بېنېدېكت روگېرس (Benedict Rogers) يېقىندا «ئاسىيا كاتولىك بىرلىكى» خەۋەر توربېتىدە (UCA NEWS) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھمىيەتسىز زىيارىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىگە «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۆزىنىڭ روھىنى خىتاينىڭ رەھىمسىز رېجىمىغا سېتىۋەتتى» دەپ ماۋزۇ قويغان.
2022-06-23
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ 21-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى، ئامېرىكا تېخنىكا ساھەسىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
2022-06-22
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل 21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
2022-06-22
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بەنكىس (Jim Banks) 21-ئىيۇن كۈنى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى 118 كۇڭزى ئىنستىتۇتىدىن 104 نىڭ 2022-يىلغىچە تاقالغانلىقى ياكى تاقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-06-22
ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئالچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) كۆپلىگەن شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.
2022-06-22
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ بېكىتكەن ماللارنى تۇتۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.