ئەھمەد زاھىد: «مالايشىيا ھۆكۈمىتى 11 ئۇيغۇر قاچقۇن مەسىلىسىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.20

تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 11 ئۇيغۇر مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن مالايشىيا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى تايلاندقا ئەمەس، خىتاي تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۈگۈن مالايشىيا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوسۇندا ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايشىيانىڭ ئورۇنباسار باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز نۆۋەتتە تايلاند تەرەپ بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتىمىز. بىز دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ئىش كۆرۈپ، ھېچقايسى تەرەپ رەنجىمەيدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلار مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەمدە ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرماقتا ئىكەن.

مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «يېڭى بوغۇز ۋاقتى» نىڭ 20-فېۋرالدىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، ئەھمەد زاھىد بۈگۈن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئۇيغۇرلارنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قارار ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك پات يېقىندا ئېلىنماقچى بولغان قارارنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 100 دىن 200 گىچە ئۇيغۇر قاچقۇن تايلاندتىكى يىغىۋېلىش مەركەزلىرىدە قاماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.