15 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى جۇمۇلاڭما تېغىنى بويسۇندۇرغان
2024.05.24
يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 15 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغانىدى. بۈگۈن يەنى 24-ماي كۈنى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ئىنگلىزچە خەۋەر تارقىتىپ بۇنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ دېيىشىچە، ئەلقۇت دىلشات ئىسىملىك 15 ياشلىق ئۆسمۈر 19-ماي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىقىپ، پۈتۈن خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئەلقۇت دىلشات بۇ نەتىجىسى بىلەن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ بىلىنىدىغان جۇمۇلاڭما تېغىنى بويسۇندۇرغان ئەڭ ياش تەۋەككۈلچى ئەزىمەت بولۇپ قالغان.
خەۋەردىن قارىغاندا، ئەلقۇت دىلشات ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ «شىنجاڭ تاغقا چىقىش تەنتەربىيە مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ دالا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان دادىسىنىڭ تەسىرىدە دالا تەنتەربىيەسىگە ئىشتىياق باغلىغانىكەن.
ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپ تاغقا چىقىشنى باشلىغان بولۇپ، دادا-بالا ئىككىسى بۇلتۇر 8-ئايدا ئىككىنچى ئېگىز تاغ بولۇپ ھېسابلىنىدىغان 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇزتاغ ئاتاغا چىققانىكەن.
ئەلقۇت دىلشات شىنخۇا تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «گەرچە تاغقا يامىشىش جاپالىق بولسىمۇ، ھەتتا بەزىدە بەك قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ھەر قېتىم چوققىغا يېتىپ بارغىنىمدا مېنىڭ يەنە بۇنى داۋاملاشتۇرغۇم كېلىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ جۇمۇلاڭما تېغىغا چىقىش ئويى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بارلىققا كەلگەن، ئۇ دادىسى بىلەن بىللە تەڭرى تېغىدىكى بىر چوققىغا چىققاندىن كېيىن ئىشەنچى ئارتىپ، جۇمۇلاڭماغا چىقىش نىيىتىگە كەلگەن.
جۇمۇلاڭما چوقىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8848. 86 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىدۇر.
شىنخۇا تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەلقۇتنڭ دادىسى دىلشات ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سەپەرلىرىدە داۋاملىق بىللە بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىغان. شۇڭا ئەلقۇت نېپالغا يالغۇز بارغان. ئۇ دەسلەپتىكى 28 كۈنلۈك ماسلىشىش مەشقى جەريانىدا قاندىكى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشتىن كېلىپ چىققان سالامەتلىك مەسىلىسى ۋە روھىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ 49 ياشلىق دادىسى دىلشات ئوغلىغا تېلېفون ئارقىلىق تەسەللى بېرىپ تۇرغان. ئۇ ئاخىرى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جۇمۇلاڭما تېغى چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن، ئەلقۇت دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىل 6-ئايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىزىقىشى ۋە ئارزۇلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.









