19-قۇرۇلتاي روھى ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ ئاۋازلىق كانايلار بىلەن تەشۋىق قىلىنماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.04

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدا كاناي ئارقىلىق 19- قۇرۇلتاي روھى تەشۋىق قىلىنماقتىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى يەرلىك دائىرىلەر ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قۇرۇلتايغا ئائىت خەۋەرلەرنى يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلار ئارقىلىق تارقىتىدىغان بولۇپ، خەۋەردە بۇنداق كانايلارنىڭ ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو 19-قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ تارتۇقلانغاندىن كېيىن، دەرھال «شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىنى» نى چاقىرىپ، «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش» نى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ مۇددەتكە ۋە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەخسۇس قۇرۇلتاي روھى بويىچە تەربيەلىنىدىغانلىقى، قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدىكى كارخانىلار، يېزا-كەنتلەر، ئورگانلار، مەكتەپلەر ۋە مەھەللىلەردە لېكسىيە سۆزلەش ياكى تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن ئايدا بىر مىليونغا يېقىن كادىر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيتى» گە قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭمۇ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆي - ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا 11-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر«ھەممىلا جاينى قاپلىغان گىرەلەشمە نازارەت مېخانىزىمىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىشى،» دەپ تەنقىدلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.