ئۇيغۇر دىيارىدا 19-قۇرۇلتاي ئالدىدا مۇقىملىقنى كۈچەيتىش تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-09-24
Share

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 19-قۇرۇلتاي ئالدىدىكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاي-جايلارغا ئۆز مەسئۇل رەھبىرى كادىرلىرىنى ئەۋەتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش شۇنىڭدەك بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ يىغىنىنى ئاچقان ۋە يىغىندا رەھبىرى كادىرلاردىن «سىياسىي ئىنتىزام»، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئىنتىزامى»، «تەشكىلىي ئىنتىزامى» قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدەك «پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خوتەن ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن جاي بولۇپ، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەندىن بۇيانقى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلگەن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش دولقۇنىدا خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىن بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كادىرلارمۇ جازاغا ئۇچرىغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مۇقىملىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن ۋە باشقىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇمۇل، چۆچەك، تۇرپان، قىزىلسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئوبلاست ۋە ۋىلايەت كومپارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆزلىرىدە نۇقتىلىق ھالدا 19-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى» نى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلەشكەن. 

كۆپىنچە ئانالىزچىلار چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق خۇددى ئىلگىرىكى سابىق سېكرېتارلار ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشەنلەرگە ئوخشاش، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىغا كىرىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت