خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت گېزىتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاز دىگەندە 3 بالىلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان
2021.12.10
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى غەرەزلىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق ئازايتىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت گېزىتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاز دىگەندە 3 بالىلىق بولۇپ، خىتاي نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىشىدىكى «مەسئۇلىيەتنى زىمىسىگە ئېلىشى» نى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى «خىتاي دوكلات تورى» ناملىق ھۆكۈمەت گېزىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي توردىن ئېلىپ تاشلانغان.
ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەھرىرات ماقالىسى توردىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىر نۇسخىسى 8-دېكابىر كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەھرىرات ماقالىسىدا «ھېچقانداق بىر پارتىيە ئەزاسى توي قىلماسلىق ياكى بالىلىق بولماسلىق ئۈچۈن باھانە كۆرسەتمەسلىكى كېرەك،» دېيىلگەن ئىكەن.
بۇ مۇنازىرە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان، شۇنداقلا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» مۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭ، چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنى بۇ جىنايەتنىڭ بىۋاستە جاۋابكارى، دەپ ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا قوزغالغان. لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، تۇغماس قىلىش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر نۇپۇسىنى «غەرەزلىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق ئازايتىپ»، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن.